Uyghur主要词典
پاڭقاي
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
چارپاينىڭ ئىلىك ئۇستىخىنى.
ئات پاڭقىيى. * قوي پاڭقىيى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
قۇلىقى ئېغىر، قۇلىقى ئاڭلىماس، گاس.
ئۇ تازا كەتكەن بىر پاڭقاي ئىكەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇلىقى زەخىملەنگەنلىكتىن، ئاۋاز ئاڭلىيالمايدىغان، ئاڭلاش سېزىمى گال.
«پاڭقاي» نىڭ «گاسلىقى» ئەقىل ئاجىزلىقىدىن.
گاس ئىككى كۈلىدۇ. پاڭ بىلەن ئورتاق بولدۇم، گەپ ئاڭلىتالماي پورداق بولدۇم. ساغرۇ قۇلاق بىلەن بىر يەرگە بېرىشتىن خۇدا ساقلىسۇن، پاڭقاي كىنو كۆرۈپتۇ، سۈرەتتىن باشقا ھېچنېمە ئاڭلانماپتۇ. كۈنىگە بىر يېڭىلىق ئاڭلىمىغاننىڭ قۇلىقى ئېغىر. قۇلىقىم ئېغىر، قاتتىقراق سۆزلەڭ - دېدى بوۋاق.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
«پاڭ» غا ئوخشاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان، قۇلىقى ئېغىر، ئاڭلىماس، ساغرۇ.
بۇ ئادەم كور ياكى پاڭقايمىكىن!
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئات، كالا، قوي قاتارلىق سۆڭەكلىك ھايۋانلارنىڭ كەينى پۇتىنىڭ تىزىدىن ئوشۇقىغىچە بولغان ئىلىك ئۇستىخىنى؛ سۆڭىكى.