Uyghur主要词典
پاگان سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
بىرمىدىكى تۇنجى بىرلىككە كەلگەن فېئودال سۇلالە (1044-1287).مىلادى 849-يىلى بىرما مىللىتى ئىرراۋاددىي دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، پاگان شەھىرىنى بىنا قىلىپ، دۆلەت قۇرغان. 1044-يىلى ئاناۋراتا تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، يۇقىرى تۆۋەن بىرمىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى تۇنجى قېتىم بىرلىككە كەلتۈرۈپ ھەمدە ئاراكاننىڭ شىمالىي قىسمىنى كونترول قىلىپ، پاگان سۇلالىسىنى قۇرغان. ئۇ 11 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 13 - ئەسىرنىڭ بېشىغىچە تازا گۈللىنىپ قۇدرەت تاپقان؛ مەمۇرىي باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، قانۇن تۈزۈلگەن؛ قانال چېپىلىپ، يېزا ئىگىلىكى تەرەققى قىلدۇرۇلغان؛مەدەنىيەت سەنئىتى گۈللىنىپ، بىرما يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. بۇددا دىنىنىڭ ھىناياتا مەزھىپى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىنىپ، بۇددا مۇنارلىرى، ئىبادەتخانىلار كۆپلەپ ياسىلىپ، <ئىبادەتخانا ياسايدىغان سۇلالە> دەپ نام ئالغان. سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا) ۋە ھىندىستان بىلەن دىنىي، مەدەنىيەت ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ، دوستانە ئۆتكەن. 13 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا ئاجىزلىشىپ،1827-يىلى يۈەن سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان.