Uyghur←Chinese主要词典
پارىژ كوممۇنىسى
دۇنيا تارىخى
巴黎公社
bā lí gōng shè
(1) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە پارىژىكى شەھەر ئاپتونومىيە ئورگىنى. 1789- يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان، يەنە 1789-يىلدىكى كوممۇنا دەپمۇ ئاتالغان. رەھبەرلىك ھوقۇقى دەسلەپتە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلار بىلەن گرودېچىلارنىڭ قولىدا بولۇپ، ئىنقىلابقا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمىغا. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، خەلقنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىنىپ، چائۇمېتتې باشچىلىقىدا يېڭى كوممۇنا (يەنى <9217-يىلىدىكى كوممۇنا> دەپ ئاتالغان)قۇرۇلغان. 10-كۈنى، كوممنا پارىژ خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە رەھبەرلىك قىىلپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇۇرپ تاشلاپ، كورۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. گىروندېچىلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ياكوبىنچىلار رەھبەرلىكىدىكى قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى بىلەن بىرگە مەۋجۇت بولىدىغان ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇپ قالغان. كېيىن يەنە خەلق ئۇيۇشمىسىنى ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرىدىغان ۋە چەت ئەللەرنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغان كۆپلىگەن كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان، ياكوبىن دىكتاتۇرا يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە، ئىنقىلابىي ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسلىق تايانچىلىرىدىن بولۇپ، ياكوبىنچىلارنىڭ تۈرلۈك ئىنقىلابىي تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولغان. 1794-يىلى تومۇز ئېيى ئۆزگىرىشىدىن كېيىن تارقىتىۋېتىلگەن. (2) 7118-يىلى فرانسىيە پرولىتارلىرى پارىژدا قۇرغان ئىشىچلار ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى بولۇپ، دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى پرولېتارىيات دىكاتۇرىلىقىدىكى ھاكىمىيەت، پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فرانسىيىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەت ئۆتكۈزۈلىشىپ كەتكەن. 1871-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى پارىژ خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پارىژ شەھەرلىك ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، تېير باشچىلىقىدىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ۋېرسالغا قېچىپ كەتكەن. 26-كۈنى پارىژدا سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، 28-كۈنى پارىژ كوممۇنىسى رەسمىي قۇرۇلغان. كوممۇنا ھەيئەتلىرى ئىچىدە بىلانكىچىلار ۋە يېڭى ياكوبىنچىلار (كۆپ سانلىق) ھەمدە پرودونىچىلار (ئاز سانلىق) رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئېلىۋالغان. كوممۇنا بۇرژۇئازىيىچە ھەربىي بيۇروكراتلىق ئاپپاراتىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئەسكەرلىككە ئېلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، كونا ساقچى ئورگانلىرىنى، سوت، كونا بيۇروكاراتلىق تۈزۈم ۋە يۇقىرى مائاشلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىشچىلارنى قوغداش پەرمانى چۈشۈرگەن؛ قېچىپ كەتكەن مۈلۈكدارلارنىڭ فانا فاكتورلىرىنى ئىشىچلارنىڭ ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىشىنى يولغا قويۇپ، ئىشچىلارغا ئۆز مەيلىچە جەرىمانە قويۇش ۋە مائاشىنى تۇتۇپ قېلىشنى چەكلىگەن؛ يەنە بولكا، ئاشلىقنىڭ باھاسىنى بەلگىلىگەن؛ سۆزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۆزى ئىجارىسىنى كەچۈرۈم قىلغان، گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلەرنى قايتۇرغان، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە نەپەقە پۇلى تارقاتقان؛ پرولېتارىياتلىق ئىنتېرناتسىئونال پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋاندوم تۈۋرۈكىنى بۇزۇپ تاشلىغان، چەت ئەللىكلەرنىڭ كوممۇناغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىپ، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى بىلەن باراۋەرلىك ئاساسىدىكى تىنچ، دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتقان. بىراق توغر ۋە قەيسەر رەھبەرلىكىنىڭ كەملىكىدىن بىر قاتار خاتالىقلار سادىر بولغان: ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئورناتمىغان ۋە دېھقانلار ئىنقىلابىنى قوزغىمىغان. ۋېرسالغا ئۆز ۋاقتىدا ھجۇم قىلمىغان ۋە ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەتنى قەتئىي باستۇرمىغان، فرانسىيە بانكىسىنى مۇسادىرە قىلمىغان ۋە باشقىلار، ۋېرسال ھۆكۈمىتى پرۇسسىيە قوشۇنى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىشى بىلەن، 5-ئاينىڭ 82-كۈنى باستۇرۇلغان. ماركس بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئارقىلىق كوممۇناغا كونكرېت يېتەكچىلىك قىلغان ھەمدە كوممۇناىنىڭ تەجرىبىلرىنى مېغىزلىق يەكۈنلەپ، ئىشچىلار سىنىپىنڭ تەييار دۆلەت ماشىنىسىنى ئاددىي ھالدا ئىگىلەشكە ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىغا يېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، پرولېتارىات ئىنقىلابى زورلۇق كۈچى ئارقلىق، كونا دۆلەت ماشىنىسىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى يۈرگۈزۈشنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. پارىژ كوممۇنىسىنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئىنقىلابىي پرىنسىپلىرى مەڭگۈ ياشايدۇ.
ئۇنىۋېرسال
巴黎公社
bā lí gōng shè