Uyghur←Chinese主要词典
پارىژ شەھەر ئاھالىسى قوزغىلىڭى
领域: دۇنيا تارىخى巴黎市民起
bā lí shì mín qǐ
1357 - 1358 - يىللىرى پارىژ شەھەر ئاھالىسىنىڭ فېئوداللارغا قارشى قوزغىلىڭى. 1337-يىلى يۈز يىللىق ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن فرانسىيە قوشۇنلىرى بىر قانچە قېتىم مەغلۇپ بولغان. 1356-يىلى پوئىترىستىكى بىر قېتىملىق جەڭدە فرانسىە كورۇلى يۇھان Ⅱ (ياخشى ئادەم) يەنە ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا ئەسىر چۈشكەن، شاھزادە چارلېس (كېيىنكى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅴ) دۆلەتنى نازارەت قىلغان. چارلېس ئۇرۇش خىراجىتى ۋە ئاتىسىنى قۇتۇلدۇرۇشقا پۇل توپلاش ئۈچۈن، 1356-يىلى ئۈچ دەرىجىلىك يىغىن چاقىرغان. يۇڭ توقۇمىچىلىق سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئېتىننى مارسېل باشچىلىقىدىكى تۆت يۈز نەپەر شەھەر ئاھالىسى ۋەكىللىرى يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ يرىمىنى ئىگىلىگەن، ئۇلار ئۈچ دەرىجىلىك يىغىننىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى رەتكە سېلىشنى تەلەپ قىلغان. چارلېس قوشۇلمىغان ھەمدە يىغىننى تارقىتىۋەتكەن. پارىژ شەھەر خەلقى چارلېسنىڭ ھەىركىتىدىن غەزەلىنپ، ئېتىننې مارسېلىنىڭ رەھبەرلىكىدە 1357-يىلى 2-ئاي بىلەن 3-ئاي ئارىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. چارلېس شۇ يىلى 2-ئايدا ئۈچ دەرىجىلىك يىغىننى قايتا چاقىرىشقا مەجبۇر بولۇپ، 3-ئايدا، مارت ئومۇمي كەچۈرۈمنامىسىنى ئېلان قىلىپ، شەھەر ئاھالىسى ۋەكىللىرىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغان بولسىمۇ لېكىن يولغا قويمىغان. 1358-يىلى 2-ئايدا، پارىژدا يېڭى قوزغىلاڭ پارتىلاپ، 3000 قوزغىلاڭچى خان ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، چارلېسنىڭ ئىككى نەپەر مەسلىھەتچىسىنى ئۆلتۈرگەن، چارلېس پارىژدىن قېچىپ كەتكەن. ئېتىننې مارسېل پارىژنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭ باج يىغىش سىياسىتى پەقەتلا يۇقىرى قاتلام شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، شەھەرنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. كېيىن 300 كىشىلىك قوشۇن چىقىرپ ياككۇئېس قوزىلاڭچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورنىتىپ، فېئودال قوشۇنلاrنىڭ پارىژغا بولغان مۇھاسىرىسىنى بىكار قىلماقچى بولغان. ئەمما قوزغىلاڭ قىلغان دېھقانلار جىددىي ياردەمگە موھتاج بولغان ۋاقىتتا، ئۆزىگە قاراشلىق قوشۇننى چېكىندۈرۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چارلېس قورال توپلاپ، پارىژنى ماقال قىلغان. كېيىن يۇقىرى تەربىقىدىكى شەھەر ئاھالىسى چارلېسقا شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ بېرىپ، قوزغىلاڭ ئاخىرى باستۇرۇلغان، ئېتىننې مارسېل ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئەگەشكۈچىسى تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。