Uyghur←Chinese主要词典
پارىژ كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
巴黎协定
bā lí xié dìng
(1) 1954 - يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى پارىژا ئىمزالىغان بىر قاتار ھۆججەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. بۇ ھۆججەتلەر ئىتتىپاق گېرمانىيىنى ئىگىلەپ تۇرۇش تۈزۈمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شۇنداقلا فرانسىيە بىلەن ئىتتىپاق گېرمانىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى قوش تەرەپ كېلىشىمى قاتارلىق بىر قاتار ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي مەزمۇنى: <بونىن شەرتنامىسى> دا قارار قىلىنغان ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىتتىپاق گېرمانىيىسى چېگرىسى ئىچىدىكى ۋە بېرلىننىڭ غەربىدىكى رايوىدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىگە ۋە باشقا تەرەپلەردىكى ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار قايتا تەكىتلەنگەن، <بىريۇسسېل شەرتنامىسى> دىكى گېرمانىيىنىڭ (ئىتتىپاق گېرمانىيىسىنىڭ) تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت ئىبارىلەر چىقىرىپ تاشلانغان ھەمدە بۇ شەرتنامە تەشكىلاتى <غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقى> غا ئۆزگەرتىلىپ، ئىتتىپاق گېرمانىيىسىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تاشكىلاتىغا قاتناشتۇرۇش؛ فرانسىيە بىلەن ئىتتىپاق گېرمانىيىسى گراژدانلارنىڭ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سائارنى غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرلار كېڭەش مەجلىسى تەرىپىدىن خىزمەتكە تەيىنلەنگەن مەخسۇس خادىمىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلۇشتىن ئىبارەت. كېلىشىمدىكى ھۆججەتلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1955-ىل 5-ئاينىڭ 5-، 6-كۈنلىرىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. (2) <ۋيېتنام مەسىلىسىدىكى پارىژ كېلىشىمى> گە قارالسۇن.