Uyghur主要词典
پاپار خىگوپولۇس
دۇنيا تارىخى
(1815 - 1891) گرېتسىە تارىخشۇناسى ۋە سىياسىئونى. ئافىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى. ئۇ گېرمانىيە تارىخشۇانسى فلمېرا پىۋىلىنىڭ سلاۋيانلار گرېتسىيىدىن كېلىپ چىققان دېگەن نەزەرىيىسىنى تەنقىد قىلىش بىلەن ئابرويغا ئىگە بولغان. <گرېتسىيە خەلقى تارىخى> دېگەن ئاساسلىق ئەسىرىدە يىراق قەدىمكى دەۋردىن1892 - يىلغىچە بولغان گرېتسىيە تارىخىنى بايان قىلغان. گرېك مىللىتى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىنى ھەم ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئالاھىدە بايان قىلىپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە خۇراپاتلىققا قارشى كۈرەشنى تونۇشتۇرغان.