Uyghur主要词典
پاپا دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
مىلادى 756 - 1870-يىللىرى ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پاپا باشچىلىقىدىكى ئىلاھى ھاكىمىيەت سىياسىي يولغا قويۇلغان دۆلەت. مىلادى 756-يىلى فرانك كورۇلى پېپېن (پەتەك) رىمدىن راۋېننا ئەتراپىغىچە بولغان جايلارنى پاپا سىتېپېن (752 - 757) يىللىرى تەختتە تۇرغانغا تەقدىم قىلغان، پاپا دۆلىتى شۇنىڭدىن باشلانغان. پايتەختى رىم شەھىرى بولغان مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىدىن ئىلگىرى چارلېس ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان. مىلادىن 962-يىلىدىن ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان 1274-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى رودولف Ⅰ ئۇنڭى مۇستەقىللىكىنى رەسمىي ئېتىرپا قىلغان. چېگرىسىدا كۆپ قېتىم ئۆزگىرىش بولغان. دۆلەت خەلقى فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىگە ئۇچرىغاندىن تاشقىرى ئۇرۇش (پاپا بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى، پاپا بىلەن يەرلىك فېئوداللار ئوتتۇرىسىدىكى يېغىلىقلار) ۋە ۋاتىكاننىڭ ئېغىر باج - سېلىقلىرى ئازابىنى چەككەن. ئاۋىگنون پاپاسى دەۋرىدە (1309 - 1377) رىمدىكى شەھەر ئاھالىى رېئېنزونىڭ رەھبەرلىكىدە 1347 - يىلى ۋە 1354 ـ يىلى ئىككى قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شەھەر ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان. ئىتالىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە (1494 - 1559) پاپا دۆلىتىنىڭ زېمىنى كېڭەيگەن. ⅩⅥ - Ⅹ ⅤⅢ ئەسىرلەردە پاپا دۆلەت ئىچىدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغان. ⅩⅤⅡ ئەسىرنىڭ ئاخرىدا فرانسىيە قوشۇنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1798-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 1809-يىلى ناپولېئون ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان. 1815-يىلى ۋېنا يىغىنىدىن كېيىن پاپا دۆلىتى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1848-يىلىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابى پاپا دۆلىتىنى قاپلىغان ھەمدە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى يەنە بىر قېتىم جاكارلانغان. 1860-يىلى زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى كەينى (- كەينىدىن ساردىن پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1870-يىلى پاپا دۆلىتى ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېلىنغان، پاپا رىم شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋاتىكانغا جايلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، پاپا دۆلىتى دېگەن نام ئومۇمەن ئىشلىتىلمەيدىغان بولغان. 1929-يىلى، ئىتالىيە پاپا بىلەن <لاتىن شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ ۋاتىكاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پاپاغا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئۇنىڭ نامى ۋاتىكان شەھەر دۆلىتى دەپ ئاتالغان.