Uyghur主要词典
پاپا كاپالەتلىك قانۇنى
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ رىم پاپاسىنىڭ ئورنى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پەرمانى. 1870-يىلى 9-ئايدا ئىتالىيە ئارمىيىسى رىم شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، دۆلەتنى ئاخىرقى ھېسابتا بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1871-يىلى 5-ئايدا ئىتالىيە پارلامېنتى كاپالەتلىك قانۇنىنى ماقۇللاپ، پاپانى دەھرىي ھاكىمىيەت ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان، لېكىن پاپا ۋاتىكان، لااتىران ئىبادەتخانىسى (خرىستىئان دۇنياسىنىڭ ئىبادەتخانىلار ئانىسى) ۋە گامدورفۇ قەئەسىدىكى يازلىق سارايغا ئىگە بولىدۇ، دپ بەلگىلەنگەن. پاپانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت ھوقۇقىدىن ۋە ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى، مۇھاپىزەت قىسىملىرىنى ۋە كۈتكۈچىلەر قوشۇنىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى، دىنىي ۋەزىپە ئۆتەشتە مۇتلەق ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلىش، دىپلوماتىك ۋەكىللەرنى ئەۋەتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان. ئىتالىيە ھۆكۈمىتى پاپانىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ھەر يىى 3 مىليون 225 مىڭ لىرا ئاجرىتىپ بەرگەن. لېكىن پاپا پىئۇس Ⅸ ئۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ھەمدە كاتولىك دىنىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلغان. 1929-يىلغا كەلگەندە ئىتالىيە ھۆكۈمىتى پاپا بىلەن «لاتىران شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغاندىن كېيىن ماجىرا ئاخىرلاشقان.