Uyghur主要词典
پادىشاھ سايلىغۇچى بەگلەر
دۇنيا تارىخى
مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدە پادىشاھ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان بەگلەر. ⅢⅩئەسىردە يەتتىسى بولغان. ئۇلاردىن ئۈچ كىشى روھانىي بەگلەر، يەن ماينىز ئارخىئېپىسكوپى، ترىئېر ۋە كولۇن، تۆت كىشى دەھرىي بەگلەر. يەنى ساكسون كىنەزى، براندىنبورگ مارك گرافى، رېيندىكىگراف پفالز ۋە چېخ كورۇلى ئىدى. 1356-يىلىئىمپىراتور چارلىس Ⅳ<ئالتۇن تامغىلىق يارلىق>نى ئېلان قىلىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يەتتە بەگنىڭ پادىشاھ سايلاش ئىمتىيازىغائىگە ئىكەنلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. پادىشاھ سايلىغۇچى بەگلەر تۈزۈمى پادىشاھ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، گېرمانىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى بۆلۈنىشىنى تېزلىتىۋەتكەن. 1623-يىلى باۋارىيە كىنەزى رېيندىكى گراف پفالزنىڭ ئورنىغا دەسسەپ پادىشاھ سايلىغۇچى بەگ بولغان. 1648-يىلى <ۋىستافارىيە سۈلھ شەرتنامىسى>غا ئاساسەن گراف پفالز يېڭىۋاشتىن پادىشاھ بەگ بولغان، شۇنداق قىلىپ پادىشاھ سايلىغۇچى بەگ سەككىزگە كۆپەيگەن. 1692-يىلى كىنەز ھاننوۋېر پادىشاھ سايلىغۇچى بەگ بولغان. كېيىن پادىشاھ سايلىغۇچى بەگلەرنىڭ سانى يەنە كۆپەيگەن. 1806-يىلى مۇقەددەس ئىمپىرىيىسى ھالاك بولغاندىن كېيىنپادىشاھ سايلىغۇچى بەگلەر قايتا مەۋجۇت بولمىغان.