Uyghur主要词典
پادىشاھ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
«خانلىق مەسچىتى» مۇ دېيىلىدۇ. بۇ پاكىستاندىكى تۆت چوڭ مەسچىتنىڭ بىرى بولۇپ، ئورنى لاھور شەھىرىنىڭ شىمالىدا، شەرقىي تەرىپى لاھورنىڭ كونا قەلئەسىگە ئۇدۇل، شىمالىدا پاكىستاننىڭ خاتىرە مۇنارى بار. بۇ مەسچىتنى ھىندىستاندىكى موغۇل سۇلالىسىنىڭ ئىمپېراتورى ئاۋراڭزېب دەۋرىدىكى زەمبىرەكچىلەر قوشۇنىنىڭ قوماندانى فىدائى خان نازارەت قىلىپ ياسىتىشىنى باشلىغان، 1647 - يىلى پۈتكۈزۈلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 30 بىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئەگمە دەرۋازا، مەيدان، خانىقادىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. پۈتكۈل مەسچىت يەر يۈزىدىن 10 مېتىر كۆتۈرۈلگەن يەرگە سېلىنغان. شەرق تەرەپتىكى قىزىل تاش بىلەن ياسالغان پەلەمپەي ئارقىلىق مەسچىتنىڭ ئەگمە ئىشىكىگە بارغىلى بولىدۇ؛ ئەگمە ئىشىكنىڭ تېمى قىزىل مەرمەر تاش بىلەن سېلىنغان. ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىغا ئاق تۆت مۇنار سېلىنغان، مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 57.4 مېتىر (بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە 44 مېتىر) كېلىدۇ. مۇنارنىڭ ئىچىدە 204 پەلەمپەي بولۇپ، مۇنار ئۇچىدىكى بالكونغا چىقىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگمە دەرۋازا ئىچىدىكى مەسچىت سەيناسى چاسا شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 161 مېتىر كېلىدۇ. يەرگە قىزىل تاش يېيىتىلغان، بۇ مەسچىتتە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆلنىڭ سۈيىنى كىشىلەر تەرەت ئېلىشقا ئىشلىتىدۇ. خانىقا ئۇزۇنچاق چاسا بولۇپ، ئۈستىدە ئاق مەرمەر تاشتىن ياسالغان 30 چوڭ گۈمبەز بار. ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ گۈمبەزنىڭ ئېگىزلىكى 18 مېتىرغا يېتىپ، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرىنىدۇ. مەسچىتنىڭ ئالدىدا 11 ئەەمە ئىشىك بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى ئىشىك ئېگىز. سەينا ئىچىدىكى يوللار بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن. خانىقانىڭ سىرتقى تېمى قىزىل مەرمەر تاش بىلەن، ئىچكى تېمى ئاق مەرمەر تاش بىلەن سېلىنغان. تامغا ھەر خىل نەقىشلەر چىقىرىلغان ۋە سۈرە - ئايەتلەر ئويۇلغان. مەسچىتىنى 1764 - يىلى شىقلار ئىگىلىۋېلىپ ئامبار قىلغان، ئىنگىلىزلار ئىگىلىۋېلىپ ئېغىل ۋە ئوق - دورا زاۋۇتى قىلغان. 1856 - يىلىدىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا قايتۇرۇپ بەرگەن. 1940 - يىلى مەسچىتنى ياساپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشلانغان؛ 1961 - يىلى كەڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىنىپ، مەسچىتنىڭ بۇرۇنقى قىياپىتى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئالتۇن يىپ بىلەن كەشتىلەپ ئىشلەنگەن غايەت زور «قۇرئان كەرىم» نى شۇ يەردىكى مۇسۇلمان ئۇستىلاردىن 10 ئادەم 1966 - يىلىدىن 1976 - يىلىغىچە ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەپ پۈتتۈرگەن. بۇ قۇرئان 30 پارە، 1228 بەت بولۇپ، ئۇنىڭغا 43 كىلوگرام ئالتۇن سەرپ قىلىنغان (تەركىبىدىكى ئالتۇن %5 ، كۈمۈش %95 )، 1227 مېتىر زەر مەخمەل ئىشلىتىلگەن. مانا مۇشۇ «قۇرئان كەرىم» دۇنيا بويىچە ئالتۇن بىلەن نەقىشلىنىپ ئىشلەنگەن بىردىنبىر قۇرئان ۋى ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك بۇيۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.