Uyghur主要词典
پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە ئوۋ ئىتى يۇلتۇز تۈركۈمى
领域: خىلمۇ خىل يۇلتۇزلارچوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدە، ئۇنىڭغا ناھايىتى يېقىن ماكانلاشقان ئىككى «قوشنىسى» بار. شەرق تەرەپتىكىسى پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمى، غەرب تەرەپتىكىسى ئوۋ ئىتى يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر.
پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمى شىمال ئاسمىنىدىكى مۇھىم يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بىرىدۇر، چوڭ ئېيىق، ئوۋ ئىتى قاتارلىقلار بىلەن قوشنا بولغاندىن سىرت، ئۇ يەنە شىمالدا ئەجدىھا يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن، شەرقتە شىمالىي تاج يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن، جەنۇبتا بولسا سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن قوشنا، مەشھۇر يورۇق يۇلتۇز ھېسابلىنىدىغان ئاركتۇر دەل ئۇنىڭα يۇلتۇزى. ئاركتۇر يۇلتۇزىدىن تاشقىرى، پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى باشقا يۇلتۇزلار بىرقەدەر خىرە كۆرۈنىدۇ، شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمى يەتتە قاراقچى يۇلتۇزغا ئوخشاش كۆزنى قاماشتۇرمايدۇ. پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بەش يۇلتۇز ئاددىي كۆز ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدىغان بەش تەرەپلىكنى ھاسىل قىلىپ، خۇددى بىر چوڭ لەگلەككە ئوخشاش ئاسمان بوشلۇقىدا لەيلەپ تۇرىدۇ. «ئاركتۇر» شۇ لەگلەكنىڭ ئاستىغا ئېسىپ قويۇلغان ماياكقا ئوخشايدۇ.
ئاركتۇر يۇلتۇزى بىلەن سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى α (سپىكا)، ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى β دىن ئىبارەت ئۈچ يورۇق يۇلتۇز بىرلىكتە ئاجايىپ چوڭ بىر ئۈچبۇلۇڭنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ «ئەتىيازلىق چوڭ ئۈچبۇلۇڭ» دەپ ئاتىلىدۇ ھەمدە ئەتىياز پەسلىنىڭ گۇگۇم ۋاقتىدىن كېچىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا كېچە ئاسمىنىدا كۆزنى ئىنتايىن قاماشتۇرىدۇ.
ئوۋ ئىتى يۇلتۇز تۈركۈمى شىمال ئاسمىنىدىكى يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئىچىدىكى كىچىك بىر يۇلتۇز تۈركۈمى، شۇنداقلا ئەڭ خىرە كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدا3 - دەرىجىلىك يۇلتۇزدىن پەقەت بىرىلا بار.
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئوۋ ئىتى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلار شىددەت بىلەن ئالغا ئېتىلىۋاتقان ئىككى ئوۋ ئىتىنى ھاسىل قىلغان، پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلار بىر پادىچىغا ئوخشىتىلغان. پادىچى ۋە ئوۋ ئىتى سادىقلىق بىلەن ئىلاھە خانىش ھېرا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى، يەنى چوڭ ئېيىق ۋە كىچىك ئېيىقنى كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。