Uyghur主要词典
نىككولىنى
دۇنيا تارىخى
(1782 - 1861) ئىتالىيە دراماتۇرگى فلورېنسىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. دەسلەپتە ئالفىرى (1749 - 1803) نىڭ ئەسەرلىرىنى تەقلىد قىلغان. كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە يازغۇچىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ <پروچىدا ئارىلىدىكى جون> دېگەن درامىسى 1282-يىلى سىتسىلىيە ئارىلىدىكى جوننىڭ <سىتسىلىيە كەچلىك ئىباەت> قوڭغۇرىقىنى بەلگە قىلىپ، خەلقنى قوزغاپ، فرانسىيە ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ۋەقەگە ئاساسەن يېزىلغان. دراما فلورېنسىيىدە قويۇلغاندا، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.