Uyghur主要词典
نىكاھ ھامىيلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بالاغەتكە يەتمىگەنلەرنىڭ نىكاھ ھامىيلىقى ۋە قوغدىلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شەرىئەت بەلگىلىمىسىدە ھامىيلىق قىلىشنى ئەقىل - ھۇشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنىڭ نىكاھ ئىشىنى بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق بولغان دادا، بوۋا، ئاكا قاتارلىق تۇغقانلار ياكى ئانا جەمەت تۇغقانلار ئۈستىگە ئالىدۇ، قازى ئۈستىگە ئالسىمۇ بولىدۇ. ھامىيلىق مۇددىتى فىقھە ئېقىملىرى ئىچىدە پەرقلىق بولىدۇ. ھەنەفىيە ۋە ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ قارىشىچە، ھامىيلىق قىلىنغۇچى بالاغەتكە يەتكەندە ھامىيلىق قىلىش ھوقۇقى توختىتىلىدۇ. مالىكىيە، شافىئىييە ۋە ئىسمائىلىيەلەرنىڭ قارىشىچە ھامىيلىق قىلىنغۇچى نىكاھلانغاندىن كېيىن ھامىيلىق قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.