Uyghur主要词典
نىكولاي
دۇنيا تارىخى
(1) (1796 - 1855). روسىيە پادىشاھى (1825 - 1855). پاۋېل Ⅰ نىڭ ئوغلى. 1825-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئاكىسى ئالېكساندر Ⅰ تاسادىپىي ئۆلۈپ كېتىپ، ۋارىسى بولمىغانلىقتىن تەخت بوش قالغان. دېكابرىستلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، پادىشاھ بولغان. ئىچكى جەھەتتە، ئۆزىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىچكى مەھكىمە - <ئۈچىنچى ئىشخانا> (مەخپىي ساقچى ئورگىنىنى باشقۇرىدۇ) ۋە ژاندارما تەسىس قىلىپ، ھوقۇقنى پادىشاھقا مەركەزلەشتۈرۈشنى ۋە ساقچى - ژاندارما تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. كرىزىسى كۈنسايىن چوڭقۇرلىشىۋاتقان يانچىلىق تۈزۈمىنى قوغدىغان؛ سىرتقا قارىتا <ياۋروپا ژاندارمىسى> رولىنى ئۆتەپ، پولشا قوزغىلىڭى (1830 - 1831) ۋە ۋېنگرىيە ئىنقىلابى (1848 - 1849) نى باستۇرغان. قىرىم ئۇرۇشى (1853 - 1856) نى ئېلىپ بارغان، ھەممە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، دۆلەت خەزىنىسىنى قۇرۇتۇپ، خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، كېسەل بىلەن ئۆلگەن. (2) نىكولاس Ⅰ (1841 - 1921) مونتېنېگرو كىنەزى (1860 - 1910)، پادىشاھى (1910 - 1918). 1861 - 1862-يىللىرى گېرىتسېگوۋىنانىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭىغا يادەم بەرگەن. 60-يىللاردا بالقان ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، مىخائىلو Ⅲ كە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەختىنى بوشىتىپ بەرمەكچى بولغان. ئىتتىپاق پارچىلانغاندىن كېيىن، يۇگوسلاۋىيانلارنىڭ بىرلىك ھەىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نونتېنېگرونى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى (1862، 1876 - 1878) غا قاتناشتۇرماقچى بولغان. سىرتقى جەھەتتە روسىيىگە تايانغان،1868، 1908-يىللىرى روسىيىنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ، روسىيە، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلانغان. مەملىكەت ئىچىدە مۇستەبىت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، 1905-يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ، ھوقۇق چەكلىك بولغان پارلامېنت چاقىرىشقا مەجبۇر بولغان. 1908 - 1909-يىللىرى ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ پائالىيىتىنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ئارمىيىسى مۇنتېنېگرونى ئىشغلا قىلىۋالغان، 1916-يىلى بىرلىككە كەلگەن يۇگوسلاۋىيە دۆلىتى قۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقتىن، پارلامېنت تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان.
دۇنيا تارىخى
(1868 - 1918) روسىيىنىڭ ئاخىرقى چار پادىشاھى (1894 - 1917). ئالېكساندر Ⅲ نىڭ چوڭ ئوغلى. روسىيىدە ھەربىي فېئودال جاھانگىرلىك تەدرىجىي شەكىللىنىۋاتقان مەزەىلدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. <قانخور نىكولاي> دېگەن لەقىمى بار. 1905-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى پېتېربۇرگ نامايىشچى ئىشىچلىرىنى قىرغىن قىلىشا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، روسىيىدىكى تۇنجى قېتىملىق دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغنا. 1907-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى دۆلەت دۇماسىنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تارقىتىۋېتىپ، سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ دۇمادىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قولغا ئېلىپ، ساقچى ۋە گېزەندىلەرنىڭ تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان.سىرتقا قارىتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، جەنۇبتىن ئىراننى بۇلىۋالغان، شەرقتىن جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان. 1896-يىلى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق تۆمۈريولىنى ياساش ھوقۇقىنى قولغا كىگۈزۈۋالغان. 1898-يىلى لۇيشۈن ۋە داليەننى ئىشغال قىلىۋالغان. 1900-يىلى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى ئىگىلىالغان. 1904 - 1905-يىللىرى ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىنى ئېلىپ بارغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، يېكاتېرىنبۇرگ (ھازىرقى سۋېردلوۋىسكى) دا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.