Uyghur主要词典
نىكولاي بالچېسكو
دۇنيا تارىخى
(1819 - 1825) رۇمىنىيە ئىنقىلابىي دېموكراتلىرىدىن، ئىقتىساد ۋە تارىخشۇناس. ئۇششاق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاقسۆڭەكلەر ئىمتىيازىغا قارشى تۇرۇش مەخپىي پائالىيىتىگە قاتناشقان، كېيىن مەخپىي تەشكىلات - قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1846-يىلى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، پارىژدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1848-يىلى فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابىغا قاتناشقان ھەمدە پارىژدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋالاخىيە ۋە مولدوۋالىقلارنى يىغىپ، ئىنقىلاب پروگراممىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. شۇ يىلى 4-ئايدا ۋەتىنىگە قايتىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كومىتېتىغا قاتنىشىپ، ئۈچ كىشىلىك ئىجرائىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 6-ئايدا، رۇمىنىيىدە ئىنقىلاب پارتلاپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ كاتىپى بولغان. رۇمىنىيىنىڭ بىرلىكى ۋە مىللىي مۇستەقىللىكى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان؛ دېموكراتىك ئىسلاھاتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۇتۇش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك بىۋاسىتە سايلام ھوقۇقىنى قوللىغان. دېھقانلارنىڭ يەر ئىسلاھاتى تەلىپىگە ئەھمىيەت بېرىپ <يەر مۈلكى ھوقۇقى كومىتېتى> نى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر قانۇنى لايىھىسىنى ئىشلەپ چىققان. 7-ئايدا تۈكرىيىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى ۋە روسىيىنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، تۈكرىيىگە بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى سۇنۇشقا مەجبۇر بولغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، 9-ئايدا قولغا ئېلىنغان. شۇ يىلى كۈزدە سىبىئوغا قېچىپ بېرىپ، ۋېنگرىيە ئىنقىلابى بىلەن رۇمىنىيە ئىنقىلابىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1849-يىلى 7-ئايدا كوسۇت بىلەن رۇمىنىيە - ۋېنگرىيە سۈلھ لايىھىسىنى ئىمزالىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. <باتۇر مىخائى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى رۇمىنىيىلىكلەر تارىخى>، <دۇناي دەرياسى ئەتراپىدىكى كىنەزلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.