Uyghur主要词典
نيۇ جيې مەسچىتى شەيىخ مەقبەرەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى قەدىمىي مەقبەرە بولۇپ، ئورنى بېيجىڭدىكى نيۇجيې مەسچىتىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇلۇڭىدىكى ھويلىدا. ھەربىرىگە ئەرەب يېزىقىدا ئابىدە ئورنىتىلغان. يىللار بەك ئۇزاپ كەتكەنلىكتىن ساپالغا ئويۇلغان خەتلەرنى تونىغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن. ئابىدە تېكىستىدىن قارىغاندا، بۇ، 1270 - يىللىرى چەت ئەلدىن مۇشۇ يەرگە دەرس ئۆتكىلى كەلگەن ئىككى شەيخنىڭ مەقبەرەسى ئىكەن. غەربتىكى قەبرىگە قويۇلغىنى «غەزنەۋىلەردىن بولۇپ، مۇھەممەدنىڭ ئوغلى ئەھمەد بولتانىدۇر». 1280 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. شەرقتىكى قەبرىگە قويۇلغىنى «بۇ خارالىق قازى ئىمامىددىننىڭ ئوغلى ئەلىدۇر» . 1283 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ھازىر بۇ مەقبەرە قايتا رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدۇ. جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ مەشھۇر تارىخىي يادىكارلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.