Uyghur主要词典
نيۇجيې مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى بېيجىڭنىڭ شۇەنۋۇ رايونىدىكى نيۇجيې كوچىسىنىڭ كونا ئىسمى ليۇخې مەھەللىسىدىكى كاڭشاڭ بولغاچقا، «گاڭشاڭ مەسچىتى» مۇ دېيىلىدۇ. «شىسى» (غەربىي مەسچىت)، داسى (چوڭ مەسچىت) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ مەسچىتنى 996 - يىلى ئەرەب شەيخ قەۋمىددىننىڭ ئىككىنچى ئوغلى شەيخ نەسىرىددىن سالدۇرغان. كېينكى يىللاردا كېڭەيتىلگەن. 1474 - يىلى باش پەنساد جەن شىڭ (رىۋايەت قىلىنىشىچە، سەئىد شەمشىددىندىن كېيىن) مەسچىتكا نام قويۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىپ، «ئىبادەتخانا» دېگەن نام بېرىلگەن؛ چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى يىللىرىغىچە ھازىرقى كۆلەم شەكىللەنگەن. بۇ مەسچىت دۇڭسى مەسچىتى، جىنشىفاڭ كوچىسىدىكى پۇشۇ مەسچىتى ۋە ئەننې 2 - خۇتۇڭدىكى فامېنسى ئىبادەتخانىسى بىلەن قوشۇلۇپ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بېيجىڭدىكى تۆت چوڭ ئىبادەتخانا دېيىلىدۇ.نيۇجيې مەسچىتىنىڭ كۆلىمى ئۈچ مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، نامازخانا، مىئزەنە، پەشتاق، ئوڭ - سولدىكى ئابىدە ئۆيى، جەنۇب ۋە شىمالدىكى دەرسخانا، سەراپ، ئۇدۇل زال، ئىككى شەيخنىڭ قەبرىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. مەسچىت دەرۋازىسى غەربكە قارايدۇ. ئالدىدا كاتتا خاتىرە راۋىقى، دالدا تام بار. مىئزەنە دەرۋازا ئۈستىگە سېلىنغان. ئالتە بۇرجەك قىلىپ ياسالغان. ئۇنىڭ ئاستىدا خىش بىلەن سېلىنغان ئىككى ئىشىك بولۇپ، كىشىلەر شۇ ئىشىكلەر بىلەن كىرىپ چىقىدۇ، ئۈستىگە دېرىزە قويۇلغان. كارىدور بىلەن ئايلانغىلى بولىدۇ. ئۆگزىگە سېرىق سىرلىق كاھىش يېيىتىلغان. مەسچىت دەرۋازىسى بىلەن ھويلىدىكى ئىبادەتخانىغا بىۋاسىتە كىرگىلى بولمايدۇ. مەسچىتكە كىرىپ، چىقىدىغانلار «شىمالدىن كىرىپ، جەنۇبتىن چىقىشى» كېرەك. ئىبادەتخانىنىڭ ئىككى چېتىدىكى تار يول بىلەن جەنۇبى ۋە شىمالىي ئىشىكلەرگە بارغىلى بولىدۇ. ئىبادەتخانا جەنۇبتىن شىمالغا بەش كورپۇس بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىردىن ئاشىدۇ. 24 ئېغىز ئۆيدىن تەركىب تاپقان، كۆلىمى تەخمىنەن 600 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. قەسىر ئىچىدە شەھدان گۈل نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن 18 تۈۋرۈكتىن تەركىب تاپقان 21 ئەگمە ئىشىك بار. مېھراب ئېگىپ سېلىنغان. ئۈستىگە راۋاق قىلىنغان. قەسىر ئىشىكىدە كاڭشى خاننىڭ مۇقەددەس يارلىقى بار. قەسىرنىڭ ئالدىدا پەشتاق ۋە ئوڭ - سول تەرەپتە ئابىدە راۋىقى بار. پەشتاقنى سەييىد شەمشىددىننىڭ دادىسى مەھمۇد ياساتقانىكەن. ئۇنىڭ ئالدىدا قوبۇلخانا بار (بۇرۇن «يەتتە ئېغىز ئۆي» دېيىلگەن). جەنۇب ۋە شىمالدىكى دەرسخانىلار «ساۋابخانا» دېيىلىدۇ. مۇنچا «پاكلىنىش ئورنى» مۇ دېيىلىدۇ. شەرقىي جەنۇب ھويلىدىن چىققاندا ئىككى شەيخنىڭ قەبرىسى بار. قەبرە ئىگىسىنىڭ بىرى غەز نەۋىيلەردىن مۇھەممەدنىڭ ئوغلى ئەھمەد بۇلتانى (؟ - 1280)، يەنە بىرى، بۇخارا ئەمەلدارى مەدۇننىڭ ئوغلى ئەكى (؟ - 1283 ) ئىكەن. مەسچىتتە مىڭ سۇلالىسىنىڭ شۇەنجى يىلى (1488) «مەسچىتكە ھەدىيە قىلىنغان ئابىدىسى»، «مەسچىتنى رېمونت قىلىش ئابىدىسى»، ئىشىك بېشىغا يوغرا ئېسىلغان خەنزۇچە - ئەرەبچە يېزىقتىكى تاختا، ئەرەبچە ۋە پارسچىسى سېلىشتۇرما قىلىنىپ قارا، قىزىل رەڭلەردە يېزىلغان سۈرىلەر ھەمدە «تەقدىم» دېگەن سۆز قويۇلغان ئىسرىقدان، داشقازان قاتارلىق مەدەنىي ئاسار ئەتىقىلەر بار. يېقىنقى زاماندا ۋاڭ كۇەن مۇشۇ يەردە يېڭىچە ئىسلام تەربىيىسىنى يولغا قويغان. بۇ مەسچىت مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.