Uyghur主要词典
نيۇرات
دۇنيا تارىخى
(1873 - 1956) گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1932 - 1938) گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىر (1932 - 1938). 1901-يىلدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلغان. 1903-يىلى ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1913 - 1918-يىللىرى ۋېتېمبۇرگ شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1919-يىلى دانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1930-يىلى ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1932-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ پاپېن، سېلېيشېر ۋەگىتلېر ھۆكۈمەتلىرىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1938-يىلى بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى ۋە مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1939 - 1943-يىللىرى فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىنىڭ بوھىمىيە ۋە مۇراۋىيە قاتارلىق جايلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئەمەلدارى بولغان. 1933-يىلى ناتسىست پارتىيىسى ۋە ئېسئېسچىلار ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئېسئېسچىلار ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال لېيتنانتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1943-يىلى ئېسئېسچىلار ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال پولكوۋنىكلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن نيۇرنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوت تەرىپىدىن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنپ، 1954-يىلى قويۇپ بېرىلگەن.