Uyghur主要词典
نەيزە قۇيرۇق بېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
1938 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقىلىق بېلىقچى كېمىسىنىڭ كاپىتانى ھىندرىك. گوسن توساتتىن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بېلىقنى تۇتۇۋالىدۇ. بۇ بېلىقنىڭ شەكلى قەدىمكى زاماندىكى توم ئۈزگۈچىلىك بېلىق (كروسسوپتېرىگى بېلىقلىرى)قا ئوخشايتتى، ئۇزۇنلۇقى5 .1 مېتىر، ئېغىرلىقى58 كىلوگرام، تېنى يۇمىلاق، قۇيرۇق ئۈزگۈچىسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا بۆلۈنگەن كىچىك ياپراقچىلىرى بار بولۇپ، پۈتۈن قۇيرۇق ئۈزگۈچىسى ئىنتايىن غەيرى نەيزىسىمان ئۈچ ياپراق شەكلىنى ھاسىل قىلغانىدى. شۇڭا، نەيزە قۇيرۇق بېلىق (لاتىمېرىيە بېلىقى) دەپ نام بېرىلگەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن كىشىلەر بۇ خىل بېلىقنىڭ نەسلى60 مىليون يىل بۇرۇنلا يوقاپ كەتكەن، دەپ قارايتتى، شۇڭا نەيزە قۇيرۇق بېلىقنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئۆسكەن. جەنۇبىي ئافرىقا لودز ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بېلىقشۇناس جامېس بۇ نەيزە قۇيرۇق بېلىقنى تەتقىق قىلغان ھەمدە دەرھال ئەگەر كىمكى ئۇنىڭغا يەنە بىر نەيزە قۇيرۇق بېلىق تەقدىم قىلسا100 فوند ستېرلىڭ مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەپسۇس، جامېس دەل14 يىل كۈتكەندىن كېيىن1952 - يىلى ئاندىن نەيزە قۇيرۇق بېلىقنىڭ ئىككىنچى ئەۋرىشكىسىنى قولغا چۈشۈرگەن.
نەيزە قۇيرۇق بېلىقنىڭ تېنى قاۋۇل، مۇسكۇللىرى قېلىن ھەم سېمىز، ئاستىنقى ئېڭىكى چاسا شەكىلىك، چىشلىرى بار، تېنىنى بىر قەۋەت تۆمۈر ساۋۇتقا ئوخشاش يۇمىلاق تەڭگىچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ،8 تال گۆشلەشكەن ئۈزگۈچىسى بار، كۆكرەك ئۈزگۈچىسى ۋە تۆۋەن يان تەرەپتىكى ئىككىنچى جۈپ ئۈزگۈچىسى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان ھەمدە ھەر خىل كۆرۈنۈشتىكى ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ، بەزىدە تېخى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان تۆت پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتىنىمۇ قىلىدۇ. نەيزە قۇيرۇق بېلىقنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە غەيرىي قىلىقلىرى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ پۇتلىرى ئۈزگۈچىدىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كەلگەن، دېگەن نەزەرىيىنى بىرقەدەر كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى.
نەيزە قۇيرۇق بېلىق ئادەتتە200 ~400 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز سۈيىدە ياشايدۇ. ئەگەر ئاشۇ قاراڭغۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇزاق ياشىيالمايدۇ.200 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستى قاپقاراڭغۇ بولىدۇ، شۇڭا كۆزى تەبىئىي ھالدا رولىنى يوقىتىدۇ. ئۇ ئادەتتە سېزىش ئەزاسىغا تايىنىپ كىچىك بېلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ.
بىئولوگىيە
بېلىقلار سىنىپىنىڭ چوتكا پالاقلىقلار كەنجى سىنىپىغا تەۋە. جۈپ پالاقچىسى ئۇزۇن ھەم گۆش ياپراقچىلىق ھەمدە تەڭگىچىلەرگە قاپلانغان بولۇپ، ئىچكى ئىسكىلىتىنىڭ تىزىلىشى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئاياغ سۆڭەكلىرىنىڭ جايلىشىشىغا ئوخشايدۇ. قۇيرۇقى كېيىن ئۆسكەن ئىپتىدائىي پالاقچە تىپىدىكى تۈزۈلۈشتە بولۇپ، ئوتتۇرا ياپراقچىسى نەيزىگە ئوخشاش ئۆسۈپ چىققاچقا شۇنداق نام بېرىلگەن. بويۇن پلاستىنكىسى بار، تېنىدە كۆمۈرچەك ئۇستىخانلىرى كۆپ، تەكشى تىزىلغان يۇمىلاق تەڭگىچىلەرگە قاپلانغان، دۈمبە پالاقچىسى ئىككى، كۆكرەك پالاقچىسى چوڭراق بولىدۇ. ئېغىزىدا چىشلىرى بولىدۇ. گۆشخور، ئاز ھەرىكەتلىنىپ ھايات كەچۈرىدۇ، تۇز دەرىجىسى 1.35 - 25.35 پىرسەنت بولغان، 240 - 400 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىزلاردا ياشايدۇ، تۇخۇم - ئېمبرىئونلۇق كۆپىيىدۇ. تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى دەسلەپتە دېۋون دەۋرىدىن تېپىلغان. قەدىمكى چوتكا پالاقلىق بېلىقلار ئىچىدىكى ھازىر مەلۇم بولغان، تېخىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر ئىككى خىل بېلىقنىڭ بىرى (يەنە بىر تۈرى مالانىيە بېلىقى Malania anjouanae) ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ دەسلەپ 1938 - يىل 12 - ئايدا ھىندى ئوكياندا ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىرغىقىدا 08 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىن تۇتۇلغان، تا ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ تۇتۇلغان سانى ناھايىتى ئاز بولۇپ، قىممەتلىك <تىرىك تاش قالدۇق> ئورنىدا تونۇلۇپ كەلمەكتە.