Uyghur主要词典
نەيرەڭ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ھىيلە، مىكىر؛ ئالداش:
كېلىپ تۈشتىلەر ئول خەزايىن ئارا،
كى ئول جايى نەيرەڭ ئايىن ئارا.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالداش، ئېزىقتۇرۇشتا قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل.
ھىيلىدىن ھالۋا ياساپتۇ. ئەر ھىيلىسى بىر، خوتۇن ھىيلىسى مىڭ. ھىيلە - مىكىر بىلەن باشلانغان ئىش ئۇرۇش بىلەن تۈگەر. كۆپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھىيلە - مىكرى بىلەن ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ. جىڭ ئالتۇن ئوتتىن قورقمايدۇ، ھەقىقەت نەيرەڭدىن. پەنت قىلساڭ پەملەپ قىل. پىلتكەڭنى قوي، ئىشنى پۈتتۈر. پىرىپ پىكىرنى بۇزىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇل، ۋاستە؛ قۇۋلۇق - شۇملۇق، ھىيلە.
ۋەزىر بۇ نەيرەڭنىڭ قازى تەرىپىدىن سادىر بولغانلىقىنى ئۇقۇپتۇ.