Uyghur主要词典
نەيچە بارماقلىق ھايۋانلار
领域: بىئولوگىيەپوگۇنوفورالار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى بىر تىپ. ⅩⅩ ئەسىردىن بۇيان تېپىلغان دېڭىز تېگىدە ياشايدىغان بىر خىل ھايۋانلاردۇر. يەككە تەنىلىك بولۇپ، نەيچە ئىچىدە مۇقىملىشىپ ياشايدىغان مەددىسىمان ئارقا ئېغىزلىق ھايۋانلار. ئۇلار 3000 - 9000 مېتىر چوڭقۇر دېڭىزلاردا ياشايدۇ، ئاندا - ساندا تېيىز دېڭىزدىمۇ ئۇچرايدۇ. بەدىنى يۇمىلاق تۇرۇبىسىمان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 - 45 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 5.0 - 5.2 مىللىمېتىر، قۇتۇبى ئىنچىكە، ئۇزۇن بولۇپ، ئالدىنقى، ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى بوغۇملارغا بۆلۈنگەن بولىدۇ، ئوتتۇرا، ئاخىرقى بوغۇملىرى گەۋدە قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى بوغۇمنىڭ دۈمبە تەرىپىدە بىر باش ياپراقچىسى بولۇپ، مېڭىسى شۇنىڭ ئىچىگە جايلاشقان، قورساق تەرىپىدە 1 - 200 دىن ئارتۇق سېزىش بارماقلىرى، سېزىش بارمىقىنىڭ ئىككى يېنىدا كۆپ پەيسىمان بۇرۇتچىلىرى بولغاچقا بۇرۇت بېغىشلىق (بارماقلىق) ھايۋانلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سېزىش بارمىقىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك بولۇپ، بەدەن بوشلۇقى ھەم قان تومۇرى بىلەن تۇتاشقان، سۇ ئېقىمىنى قوزغىتىش، ئۇزۇقلۇق تۇتۇش ۋە نەپەسلىنىش قاتارلىق فۇنكسىيىلەرگە ئىگە. ئوتتۇرا بوغۇم بىلەن ئاخىرقى بوغۇم ئارىلىقىدا بىر ئىنچىەك ئېرىقچە، ئالدىنقى بوغۇمىدا بىر بەدەن بوشلۇق خالتىسى بولىدۇ؛ ئوتتۇرا بوغۇمى ئوڭ - سولدا بىر جۈپ، ئاخىرقى بوغۇمىمۇ بىر جۈپ بولىدۇ. ھەزىم قىلىش ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىسى بولمايدۇ، چىقىرىۋېتىشى ئاساسەن ئالدىنقى بوغۇم ئىچىدىكى بىر جۈپ بەدەن بوشلۇق نەيچىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېپىق قان ئايلىنىش بولۇپ، بىر دۈمبە قان تومۇرى ھەم بىر قورساق قان تومۇرى بولىدۇ. قورساق قان تومۇرى ئالدىغا يۈرۈپ ئالدىنقى بوغۇمغا كەلگەندە يۈرەككە ئايلانغان ھەمدە سېزىش بارماقلىرىغىچە تارماقلانغان. يەككە جىنسلىق، كۆپىيىش بەزلىرى ئاخىرقى بوغۇمغا جايلاشقان. ئۇلاردىن ھازىرغىچە مەلۇم بولغانلىرى بەش ئائىلە، تەخمىنەن 80 دىن ئارتۇق تۈردىن ئىبارەت.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。