Uyghur主要词典
مۇسۇلمانچىلىق يېتەكچىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىسلام دىنى ئەسىرى بولۇپ، بۇنى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋۇ زۇڭچى <ھادى سوفىيان> غا ئاساسەن ئاغزاكى تەرجىمە قىلغان. جۇسىچى يېزىپ بەرگەن. ئەسەردە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، كىتابنىڭ ھەممە قىسىملىرىدا بىلىمنىڭ مەنبەسى، ئىسلام ئېتىقادى، دىنىي قائىدە، ئىبادەت، ئۈچ ئاخۇن (ئىمام، خاتىپ، مەزىن) نىڭ شەرتى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ. ئەينى چاغدا مۇسۇلمانلار بۇ كىتابنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنى <قاراڭغۇ ئۆينىڭ چىرىقى> دەپ تەرىپلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بەزى قىسىملىرىدا ئەينى چاغدىكى جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىندى. بۇ ئەسەر 1672 -، 1720 -، 1775 -، 1836 - يىللىرى قايتا - قايتا نەشر قىلىندى.