Uyghur主要词典
مۇسىبەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قايغۇ، ماتەم، غەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆلۈم - يېتىمگە بىلدۈرۈلگەن قايغۇ - ھەسرەت.
ماتەمگە ماتەم كۈيىدىن باشقا ناخشا ياراشماس. ئالتە خوتۇن ھازىغا بارسا، ئۆز مۇڭىنى تۆكىشەر. قارىلىقتا قارنى ئاچقان بىلىنمەس. غەيۋەت ئۆيۈمنى بۇزدى، مۇسىبەت كۆڭلۈمنى. غەمكىن قارا كۈندە كىم ساڭا يار، خۇشال كۈنىڭدىمۇ ئۇنتۇما زىنھار. ھالال مېلىم، ئاق مېلىم، قارا كۈنگە ساقلىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يۈز بەرگەن قايغۇلۇق ھادىسە، كۆڭۈل يېرىملىق، كۈلپەت، قارىلىق، ھازا.
مۇسىبەتتە بولماق. مۇسىبەت يەتمەك.