Uyghur主要词典
مۇسەيلىمە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<رىددە> توپىلىڭىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەنىفە قەبىلىسىدىن. ئۆزىنى <پەيغەمبەر> دەپ ئاتىۋالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، خرىستىئان ئىديىسىنى ئاساس قىلىپ، يېڭى دىن بەرپا قىلغان. <رەھمان> ناملىق ئىلاھقا ئېتىقاد قىلغان. تەمىم قەبىلىسىدىن چىققان، ئۆزىنى <پەيغەمبەر> دەپ ئاتىۋالغان ئايال سەجەھ بىلەن توي قىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككى قەبىلىدىن 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى توپلاپ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، زاكات تاپشۇرۇشنى رەت قىلدى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى قوشۇن ئەۋەتىپ توپىلاڭى تىنجىتتى. مۇسەيلىمە جەڭدە ئۆلتۈرۈلدى.