Uyghur主要词典
مۇستەھكەم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىداشلىق، ئۆزاققا تۆزىدىغان.
يەپ تۇر، بەك تۇر. ھەممىگە بېرىلمەي، بىرنى بەك تۇت. دۈشمىنىڭنى قاتتىق ئۇر، كالتىكىڭنى ئايىما. ھەممە ئىش قولىدىن كېلىدىغان كىشى بىرەر ئىشنىمۇ پىششىق بىلمەيدۇ. ئۆزۈڭنى چىڭ تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما. مۇستەھكەن ئىرادە بولغاندا، ئۇلۇغ ھايات بولار. قاشا مەھكەم بولسا، تۈلكە كىرەلمەس. ئۇلى مەھكەم بولسا، ئۆيمۇ مەھكەم بولىدۇ. ئۆزى پۇختىنىڭ ئۆستىڭى يۇقىرىغا ئاقار. ئوننى چالا بىلگەندىن بىرنى پۇختا بىلگەن ياخشى. خيالىڭ يۈكسەك نىيەتلىك بولسۇن، ئىشىڭ پۇختا ۋە مەزمۇت بولسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
بۇزۇلمايدىغان، يېرىلمايدىغان؛ پىششىق، پۇختا، چىداملىق، مەھكەم.
مۇستەھكەم ئىمارەت. مۇستەھكەم كۆۋرۈك.
كۆچمە. ئۆزگەرمەيدىغان، ئاينىمايدىغان؛ بەرقارار.
مۇستەھكەم ئىرادە. مۇستەھكەم دوستلۇق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مەھكەم، ئىرادىلىك