Uyghur主要词典
مۇستەھزاد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مىسارسى 16 بوغۇمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بىرى ئۇزۇن، بىرى قىسقا ئىككى مىسرا قىلىپ يېزىلغان بىر خىل شېئىر شەكلى. بۇ سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى: ئارتتۇرۇلغان.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدە كۆپ قوللىنىلغان شەكىللەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بوغۇم تۈزۈلۈشى كۆپ ھاللاردا 16 بوغۇمدىن ئېشىپ كېتىغانلىقى ئۈچۈن مۇستەھزاد (ئادەتتىن تاشقىرى) دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭ كۇپلېتلىرى ئۇزۇن - قىسقا تۆت مىسرادىن تۈزۈلىدۇ. يەنى بىرىنچى، ئۈچىنچى مىسرالىرى ئۇزۇن، ئىككىنچى، تۆتىنچى مىسرالىرىقىسقا، جۈملىدىن ئۇزۇن مىسرالىرىمۇ ئۆز ئالدىغا، قىسقا مىسرالىرىمۇ ئۆز ئالدىغا قاپىيىداش بولۇپ كېلىدۇ.
مۇستەھزادتا قىسقا مىسرالار ئۇزۇن مىسرالارنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ بېرىدۇ ۋە شېئىر ئاخىرلاشقىچە شۇ خىلدا داۋام قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇزۇن مىسرالىرىنى قىسقا مىسرالىرىدىن ئايرىپ قارىغاندا، ئۇ مەسنەۋى ياكى غەزەل شەكلىنى ئېلىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرالايدۇ.
مۇستەھزاد شەكلىدە يېزىلغان شېئىرغا مىسال:
ئەۋسافى نىگارىمنى دەيىن شەمسۇ قەمەدۇر،
ھەم قامىتى زىبا،
ھەم غۇنچە ئاغىز، تىلى شېرىن، لەئلى شەكەدۇر،
مانەندى زۇلەيخا.
ھەم مۇرچەمىيان، قاشى قارا، قامەتى مەۋزۇن،
ھەم ساچلەرى سۇمبۇل،
بۇ سەرۋى دۈرۇ ئەمما لەبى غۇنچەئى تاردۇر،
ھەم يۈزلەرى رەنا.
ھەم نازۇ كەرەشمە قىلبان چىقسا ئىشىكتىن،
قاشلەرىنى قاقىپ،
ۋالە بولادۇر ھەرنە ئانى كۆرسە بەشەدۇر،
چۇن مەپتۇنۇ شەيدا.
قەھرى غەمىدىن بولسە تۈمەن زىندە بولۇر مۇرغ،
مەشۇقى زامانىنىڭ،
ھەجرى غەمىدىن مەردۇ ئايال دىدەسى تاردۇر،
بەلكى ھەمە ئەشيا.
مەجنۇن بولادۇر لەيلى ۋەشى يۈزىنى كۆرگەچ،
ھەركىمسە توساتتىن،
خاھ ياشۇ قېرى، خاھ ئايال، بەلدە كەمەدۇر،
خاھ ئاسى گۇمراھ.
بۇ نەۋ پەرۋەشكە ئەسىر بولدى بىلىڭلار، ئەييامى
ئەزەلدە،
بۇ خەستە بىلال گەرچە ئۆزى بەندە بەتەدۇر،
غەم بابىدا تەنھا.
(بىلال نازىمى)
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مىراسى ئوت ئالتە بوغۇمدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىكى ئۈچۈن، بىر ئۇزۇن، بىر قىسقا مىسرادىن تۈزۈلىدىغان بىر خىل شېئىر شەكلى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئادەتتىن تاشقىرى دېگەنلىك بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
بىر ئۇزۇن، بىر قىسقا مىسرادىن تەركىب تاپقان، ئۇزۇن مىسرالارمۇ ئۆزئالدىغا قاپىيىلىنىدىغان؛ قىسقا مىسرالار ئۇزۇن مىسرالارنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ بېرىدىغان؛ ئۇزۇن مىسرالارنى قىسقا مىسرالاردىن ئايرىپ قارىغاندىمۇ مەسنەۋى ياكى غەزەل شەكلىنى ئېلىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرالايدىغان شېئىر.