Uyghur主要词典
مۇستەھىب سوتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تارىختىكى ئىسلام دۆلەتلىرىدە بازار مۇستەھىبلىرى (تەكشۈرۈش ئەمەلدارلىرى) رىياسەتچىلىك قىلغان ئەدلىيە ئورگانلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئورگانلار ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلۇپ، كېيىنكى ئىسلام سۇلالىلىرىدا داۋاملىشىپ كەلدى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى شەرىئەتكە، ئىنتىزامغا خىلاپ يېنىك قىلمىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا، ئۆز جايىدا بىر تەرەپ قىلىپ، بازار قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بولدى. <ياخشىلىققا دالالەت قىلىپ، يامانلىقتىن توسۇش>، جۈملىدىن دىنىي ئەخلاق ۋە دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى قوغداش ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى قىلىندى. مۇستەھىبلەرنى خەلىپە، ۋەزىر، يەرلىك ۋالى ۋە قازىلار ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. مۇستەھىب سوتى بىر تەرەپ قىلىشقا بىئەپ دېلولارنى مەھكىمە شەرئىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.