Uyghur主要词典
مۇرائى
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆز بويامچى، قىلغان ياخشىلىقىنى كىشىگە كۆرسىتىش ئۈچۈنلا ئىشلىگۈچى.
دۇنيا تارىخى
ئەرەب تىلىدىكى Murai نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئىسلام دىنىدىكى شىئەلەرنىڭ ئىسمائىلىيە تارمىقى نىزارى مەزھىپىنىڭ كونا نامى. ساختىپەز دېگەن مەنىدە. <ئەسساسىن مەزھىپى> دىن پايدىلىنىلسۇن.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى ئىسمائىلىيەنىڭ تارمىقى بولغان نىزارىيەنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ، مەنىسى ساختا تەرىقەت دېگەنلىك بولىدۇ. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا نىزارىيە پرسىيىنىڭ ئەلەمۇت قەلئەلىسىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان ئىماملار سۇلالىسىنىڭ نامى قىلىنىپ <مۇرائىلار دۆلىتى> دەپ ئاتالغان. <نىزارىيە> گە قاراڭ.