Uyghur主要词典
مۇرات
دۇنيا تارىخى
(1767 - 1815) فرانسىيە ماراشلى. نېئاپولنىڭ كورۇلى. كىچىك ساراي خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دىنىي تەربىيە ئالغان. 1787-يىلى ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ ئاتلىقلار پولكىغا قاتناشقان. 1795-يىلى ناپولېئونغا ھەمكارلىشىپ، ئۈزۈم پىشىقى ئېيىنىڭ 13-كۈنىدىكى توپىلاڭنى باستۇرغان. ئاندىن ناپولېئونغا ئەگىشىپ ئىتالىيە جېڭى ۋە مىسىر جېڭىغا قاتناشقان. 1799-يىلى تۇمانلىق ئايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ناپولېئوننىڭ مۇھىم ياردەمچىسى بولغان. كېيىن تەپتىش ھۆكۈمەت مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ قوماندانى بولغان. 1800-يىلى ناپولېئوننىڭ سىڭلىسى كارولىنا (1782 - 1839) نى ئالغان. ئىككىنچى قېتىملىق ئىتالىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1804-يىلى پارىژ شەھىرى مۇداپىئە قىسمىنىڭ قوماندانى بولغان. شۇ يىلى ئىمپېرىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن فرانسىيە مارشالى بولغان. 1805 - 1807-يىللىرى ئوستېرلىست، يېنا، ئېلو، فېردىلاند قاتارلى جەڭلەرگە قاتناشقان. 1808-يىلى فرانسىيە قوشۇنىنى باشلاپ، مادرىد قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن نېئاپول پادىشاھلىقىغا يۆتكەلگەن. شۇ جايدا بەزى ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان. 1812-يىلى روسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1813-يىلى لېيپسېگ ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتالىيىگە قايتىپ ئاۋسترىيە بىلەن مەخپىي سۆھبەت قىلىشقا باشلاپ، پادىشاھلىق تەختىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان. 1815-يىلى 3-ئايدا ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈ نامى بىلەن ئاۋستىريىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان. ئۇرۇشقا ئاتلىنىش بىلەنلا مەغلۇپ بولغان. فرانسىيىگە بارغاندا ناپولېئون ئۇنى قوغلىۋەتكەن. 10-ئايدا ئىتالىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، تەختنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغاندا ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. خەت - چەكلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.
دۇنيا تارىخى
(1326 - 1389) ئوسمانلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانى (1359 - 1389). ئورخاننىڭ كەنجە ئوغلى. تەختكە چىققاندىن كېيىن نامىنى سۇلتان دەپ ئۆزگەرتىپ، ياۋروپاغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغان. 1362-يىلى ئادرىيانوپول (تۈركلەر ئۇنى ئەدىرنە Edirne دەپ ئاتىغان) نى ئالغان ھەمدە پايتەختنى ئۇ يەرگە كۆچۈرگەن. 1369-يىلى فراكىيىنىڭ شەرقىي قىسمىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بېسىۋالغان. 1371-يىلى مارىتسا دەرياسى بويىدا سېربىيە، بۇلغارىيە، ۋالاخىيە ۋە ۋېنگرىيە بىرلەشمە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ماكېدونىيىنى بېسىۋېلىپ، ېىزانتىيىنى بويسۇندۇرغان. 1385-يىلى سوفىيىنى ئالغان. ئىكىنچى يىلى يەنە نىشىنى ئالغان، بۇلغارىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى بويسۇندۇرغان، شەرقتە ئاناتولىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا كېڭەيمچىلىك قىلغان، ئەنقەرەنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، توكاتقىچە بولغان كەڭ زېمىنگە ئىگە بولغان. 1389-يىلى 6-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان كوسوۋو جېڭىدە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى بايازېت Ⅰ تەختكە چىققان.
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1403 - 1451) تۈركىيە سۇلتانى (1421 - 1451). مۇھەممەت Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەخىتكە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىسيان كۆتۈرگەن ئىنىسى مۇستافا (؟ - 1424) نى قولغا چۈشۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. 1430-يىلى ۋېنېتسىيىدىن سېسالونىكانى تارتىۋالغان. 1443-يىلى پولشا قوشۇمچە ۋېنگرىيە كورۇلى ۋىلادىسلاۋ Ⅲ بىلەن ۋېنگرىيىنىڭ گېنېرالى ھۇنيادى قوماندانلىقىدىكى قوشۇن تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. نىشى بىلەن سوفىيە كەينى - كەينىدىن قولدىن كەتكەن. 1444-يىلى 8-ئايدا ۋېنگرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى سېگېددا ۋېنگرىيە بىلەن ئون يىللىق سۈلھ شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. ئۈچىنچى ئوغلى مۇھەممەتكە تەختنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ۋېنگرىيە شەرتنامىنى يىرتىپ تاشلاپ، يېڭىۋاشتىن جەڭ قىلغانلىقتىن يەنە تەختكە ئولتۇرغان. شۇ يىلى 11-ئايدا ۋارنا جېڭىدە ۋېنگىرىيە ۋە ۋالاخىيىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. 1445-يىلى ئىككىنچى قېتىم تەختتىن چېكىنىپ يەنە دەرھال قايتا تەختكە ئولتۇرغان. ئالبانىيىگە ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، ئىسكەندەربېككە قوغلاپ زەربەر بەرگەن. 1448-يىكى كوسوۋو تۈزلەڭلىكىدە ۋېنگرىيىنىڭ نائىبى ھۇنيادىنىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن يەنە گرېتسىيىگە بېسىپ كىرىپ، كولىنىس قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋالغان.