Uyghur主要词典
مۇرابىت سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1056 - 1147) <ئەل مۇرابىت خاندانلىقى> مۇ دېيىلىدۇ. شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىسپانىيىدىكى ئىسلام سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى بەربەرلەر قەبىلىسنىڭ كاتتبېشى يەھيا بىننى ئىبراھىم (؟ 1059) قۇردى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ كىشى مەككىگە ھەج قىلىشقا بارغاندا، ماراكەشلىك ئۆلىما ئىبنى ياسىن (؟ - 1059) نى شىمالىي ئافرىقىغا قايتىپ ۋائىزلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭ سېنېگال دەرياسىنىڭ ئېغىزىدا قەلئە (رىبات) قۇرۇپ، ۋەز ئېيتىش بازىسى قىلغان. قەلئەدىكى ۋەلى ئىسپان تىلىدا ئەلە مورابىت دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن، سۇلالە مۇرابىت سۇلالسى دەپ ئاتالغان. ئۇلار خىمار كىيىپ يۈرىدۇ. جەڭگە ماھىر كېلىدۇ. بەربەرلەر ئارىسىدا ساددا ئىپتىدائىي ئەقىدە ۋە باراۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، كۈنسايىن كۈچەيدى. كېيىن ماراكېسنى پايتەخت قىلىپ دۆلەت قۇردى. ئابباسىيلار خەلىپىسىنى دىنىي داھىي، دەپ ئېتىراپ قىلدى. مالىكىيە فىقھەسىگە ئەمەل قىلدى. شىمالىي ئافرىقىنىڭ ئىسلاملىشىشىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.