Uyghur主要词典
مۈشكۈل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاسان ئەمەس، كۈچ كېتىدىغان، ئاسانلىقچە ئىشقا ئاشمايدىغان.
دادىل، مەرد بولماق ئاسان ئىش ئەمەس، شىرنىڭ يۈزىگە تىك قارىماق تەس. قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە. چۈمۈلىنى چوقۇپ قىرار قىرغاۋۇل، قارچىغىدىن ئۆز ھالى مۈشكۈل.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قىلىشقا كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت كېتىدىغان.
ئاسان، ئوڭاي
قىلىشقا كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت كەتمەيدىغان.
ئادەم بولۇپ تۇغۇلۇش ئاسان، ئادەم بولۇپ ياشاش تەس. موللا بولماق ئاسان، ئادەم بولماق تەس. ئىشنىڭ ئاسىنى يوق، قىلالىساڭ قىيىنى. جان بېقىش ئوڭاي، جانغا راھەت تېپىش قىيىن. ئوڭاي ئىشەنگەن ئۆڭاي ئۆلىدۇ. موماي؛ مۈشكۈل ئىشىمنى ئاسان قىل، دەپ تىلەك تىلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ھەل قىلىنىشى قىيىن، ئېغىر، مۇرەككەپ، تەس.
مۈشكۈل ئىش. مۈشكۈل ۋەزىپە.