Uyghur主要词典
مۈرە بەلبېغى
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئالدى پۇت (قول) ئىسكىلىتى بىلەن ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر گۇرۇپپا ئىسكىلىت تۈزۈلۈشى. ئادەتتە تاغاق سۆڭىكى، قاغا تۇمشۇق سۆڭىكى (تۇمشۇقسىمان سۆڭەك) ۋە ئوقۇرەك سۆڭەكتىن ئىبارەت ئۈچ جۈپ كۆمۈرچەك ياكى قاتتىق سۆڭەكتىن تۈزۈلگەن. بالا ھەمراھى بار ئېمىتكۈچىلەرنىڭ مۈرە بەلبېغى ئاساسەن تاغاق سۆڭىكى بولۇپ، قاغا تۇمشۇق سۆڭىكى ئۇنىڭ بىلەن تۇتىشىپ قاغا تۇمشۇق ئۆسۈكچىسىگە ئايلانغان بولىدۇ. ئېمىتكۈچىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر تۆشۈكلۈك ھايۋانلاردىلا قاغا تۇمشۇق سۆڭىكى بولىدۇ. ئوقۇرەك سۆڭىكى تۇياقلىقلار، كىتلار ۋە دېڭىز كالىلىرىدا ياكى رۇدىمېنتلاشقان ياكى يوقالغان لېكىن ئىنسانلاردا بولسا، ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، تاغاق ياكى تۆش سۆڭىكى ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل تىرەككە ئايلانغان.