Uyghur主要词典
مۈشۈكئېيىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
مۈشۈكئېيىق دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەتلىك ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن دۆلىتىمىزنىڭ سىچۇەن، گەنسۇ، شەنشى ئۆلكىلىرىنىڭ ئايرىم ئېگىز ھەم تىك تاغلىق رايونلىرىغا تارقالغان، سانى ئىنتايىن ئاز، دۆلەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانغا كىرىدۇ ھەمدە «دۆلەت گۆھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ، دۇنيا ياۋايى ھايۋانلار ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن جەمئىيەت بەلگىسى قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى كۆپىنچە ئەھۋالدا «تىنچلىق ئەلچىسى» سۈپىتىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستلۇق مېھرىنى ئېلىپ، ئوكيان ئاتلاپ چەت ئەللەرگە چىقىپ تۇغقان تېپىپ دوست تۇتۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە.
مۈشۈكئېيىقنىڭ تېنى سېمىز، لىغىلداپ تۇرىدۇ، پۇتلىرى توم، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن5 .1 مېتىر، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى60 −70 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، بەدەن ئېغىرلىقى100 ~180 كىلوگرام، بولۇپمۇ ئاشۇ «八» شەكىلدە جايلاشقان قارا رەڭلىك كۆز چەمبىرى خۇددى قارا كۆزەينەك تاقىۋالغاندەك كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.
مۈشۈكئېيىقنىڭ ئەجدادى گۆشخور بولۇپ، ھازىر بولسا گۆشسىز نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاساسلىقى جۇڭگو بامبۇكىنى يەپ ياشايدۇ. بىر قۇرامىغا يەتكەن مۈشۈكئېيىق ھەر كۈنى20 كىلوگرام ئەتراپىدا يېڭى بامبۇك يەيدۇ. بەزىدە ئۇ بىرەر قېتىم «پەرزى» نى بۇزۇپ بامبۇكزارلىقتىكى چاشقانلارنى تۇتۇپ يەپ مەززە قىلىدۇ، ھەتتا ھېچنېمىدىن تەپ تارتماي ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يېمەكلىكلەرنى ئوغرىلاپ يەيدۇ.
مۈشۈكئېيىقنىڭ مىجەزى غەلىتە، يالغۇز ياشاشنى خالايدۇ، كۈندۈزى يېتىپ كەچتە چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، تۇراقلىق ماكانى بولمايدۇ، پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ دائىم ئۆي كۆچۈپ يۈرىدۇ. باھاردا ئومۇمەن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى3000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىز تاغلاردىكى بامبۇكزارلىقتا تۇرىدۇ، يازدا بامبۇك نوتىلىرى يۇمران بولىدىغان تەسكەي تاغ باغرىغا كۆچۈپ كېلىدۇ، كۈزدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى2500 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان ئىللىق كۈنگەي تاغ باغرىغا كۆچۈپ بېرىپ ئۇزۇن قىش پەسلىدىن ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلىدۇ.
ھەر يىلىدىكى4 -،5 - ئايلار مۈشۈكئېيىقنىڭ كۆپىيىش پەسلى بولۇپ، ئەركەك، چىشى مۈشۈكئېيىقلار مۇشۇ چاغدىلا جەم بولىدۇ. لېكىن5 - ئاي ئۆتۈشى بىلەنلا يەنە ئۆز يوللىرىغا راۋان بولىدۇ. چىشى مۈشۈكئېيىق4 −5 - ئايلار ئەتراپىدا بوغاز بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دەرەخ كامېرى ياكى تاش ئۆڭكۈرىنى جىددىي ئىزدەپ تېپىپ «تۇغۇت ئۆيى» قىلىدۇ، ئۇ ھەرقېتىم بىردىن ئىككىگىچە بالا تۇغىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئاران150 گرام ئەتراپىدا بولۇپ، ئانىسىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ مىڭدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، بىر ئايدىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى2 كىلوگرامغا يېتىدۇ، ئۈچ ئايدىن كېيىن5 −6 كىلوگرامغا يېتىدۇ. ئانا مۈشۈكئېيىق بالىسىنى دائىم قوينىغا ئېلىۋېلىپ، ئاستا - ئاستا سىلاپ قويىدۇ، سىرتقا چىققاندىمۇ ئاغزىدا چىشلەپ ساڭگىلىتىۋالىدۇ ياكى دۈمبىسىدە يۈدۈۋالىدۇ، مېھرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، بىرقەدەممۇ ئايرىلمايدۇ. مۈشۈكئېيىق بالىسى5 −6 ئايلىق بولغاندا ئانىسى ئۇنىڭغا دەرەخقە يامىشىش، سۇ ئۈزۈش، يۇيۇنۇش ۋە بامبۇكنى سويۇپ يېيىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگىتىشكە باشلايدۇ. بالا مۈشۈكئېيىق ئىككى يىلدىن كېيىن ئانىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشاشقا باشلايدۇ. مۈشۈكئېيىق ئادەتتە20 −30 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ.
مۈشۈكئېيىقنىڭ جەمەتى ئىنتايىن قەدىمىي. ئۇلار تەخمىنەن1 مىليون يىل بۇرۇن دۆلىتىمىزنىڭ شەنشى، سەنشى ۋە بېيجىڭ قاتارلىق رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان، يۈننەن، سىچۇەن، جېجياڭ، فۇجيەن، تەيۋەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىمۇ ئۇلارنىڭ ئىزلىرى بار، ھازىر ساقلىنىپ قالغانلىرىنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئالىملارنىڭ جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشىدىكى »تىرىك تاشقاتما« بولۇپ قالدى.
بىئولوگىيە
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ گۆشخورلار ئەترىتى، مۈشۈكئېيىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. <چوڭ مۈشۈكئېيىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەدىنى سېمىز، بوينى قىسقا، باش سۆڭىكى ئېيىقنىڭكىدەك چوڭ، لېكىن تۇمشۇقى كالتە، بەدىنىمۇ سەل كىچىك. ئۇزۇنلۇقى 5.1 مېتىر، مۈرە ئېگىزلىكى 66 سانتىمېتىر. ئەڭ چولىرىنىڭ ئېغىرلىقى 183 كىلوگرامغا يېتىدۇ. قۇيرۇق ناھايىتى قىسقا، يۇڭى قويۇق ھەم جۇلالىق. كۆز ئەتراپى، قۇلاق سۇپرىسى، ئالدى - كەينى پۇتلىرى ۋە مۈرىسى قارا، قالغان جايلىرىنىڭ ھەممىسى ئاق. چامداپ ماڭىدۇ، بارماقلىرى ئارىسىدا تېرە پەردىسى بار، ئالىقان قاداقچىسى ۋە تاپان قاداقچىسى بولىدۇ. تىتقۇچى چىشى يوق. 2000 - 4000 مېتىر ئېگىز تاغلاردىكى بامبۇكزارلىق ئورمانلاردا ياشايدۇ، بامبۇك خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئوزۇقلىنىش مىقدارى زور، ھەزىم قىلىش ھەم چايناش ئىقتىدارى كۈچلۈك. ئۈچەككە كىرىش ئادىتى يوق. دەرەخقە يامىشىشقا ماھىر. كۆپىنچە كېچىسى ھەرىكەتلىنىدۇ. چېتىشىش مەزگىلىدىن باشقا چاغلاردا يالغۇز ياشايدۇ. باھار پەسلىدە چېتىشىدۇ، بوغاز مەزگىلى يەتتە ئاي بولۇپ، كەچ كۈزدە بىرنى تۇغىدۇ. پەقەت مەملىكىتىمىزنىڭ سىچۇەننىڭ شىمالىي قىسمى ۋە گەنسۇنىڭ جەنۇبىي قسىمى، تىبەتنىڭ شەرقىي قىسمى ھەم شەنشىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسىملىرىدىن چىقىدۇ. چوڭ مۈشۈكئېيىق مەملىكىتىمىزدىن ئالاھىدە چىقىدىغان ھايۋانلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنىدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋان ھېسابلىنىدۇ ھەمدە ئىنتايىن مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. مەملىكىتىمىزدە ئاز ئۇچرايدىغان بۇ ئەتىۋارلىق ھايۋاننى قوغداش ئۈچۈن بىر قانچە تەبىئىي قوغداش رايونلىرى قۇرۇلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مۈشۈك + ئېيىق
ئىسىم
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 130 - 160 سانتېمېتىر، تەن شەكلى ئېيىققا ئوخشايدۇ. قۇيرۇقى قىسقا، بېشى، كۆكرىكى، قورسىقى، دۈمبىسى ۋە ساغرىسى ئاق؛ تۆت ئايىغى، ئىككى قۇلىقى ھەم دۈمبىسى ۋە ساغرىسى ئاق؛ تۆت ئايىغى، ئىككى قۇلىقى ھەم كۆز چەمبىرىكى قارا قوڭۇر؛ تۈكلىرى توم ھەم قېلىن، سوغۇققا چىداملىق، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونلىرىدىكى ئېگىز تاغلىقلاردا بامبۇك شاخلىرىنى يەپ ياشايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە ئەتىۋارلىق ھايۋىنى ھېسابلىنىدۇ.