Uyghur主要词典
مېتېلۇس
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ -19) قەدىمكى رىم باش قوماندانى، ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. يۇگۇرتا ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 111 - 105) نىڭ دەسلىپىدە، مىلادىدىن 109 يىل ئىلگىرى كونسۇل بولۇپ نومىدىيىگە (شىمالىي ئافرىقىدا) ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ، ئىنتىزامنى كۈچەيتىپ، مۆتېل دەرياسى ئەتراپىدا نومىدىيە پادىشاھى يۇگۇرتانى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن <نومىدىيىلىك مېتېلۇس> دېگەن نامغا ئېرىشكەن. يۇگۇرتا سۈلھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق يول قويمىغان (كېيىن مارې بۇ ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرغان). مىلادى102 يىل ئىلگىرى تەپتىش ئەمەلدارى بولغان، ھاكىمىيەت ماجىراسى تۈپەيلىدىن بىر مەزگىل سىرتقا چىقىپ كەتكەن. ئۇ <ئادىل> لىقى بىلەن داڭق چىقارغان.