Uyghur主要词典
مېتېرلىنك
دۇنيا تارىخى
(1862 - 1949) بېلگىيىلىك دراماتورگ، شائىر، نەسرىي ئەسەر يازغۇچى. گېنتتا تۇغۇلغان، فلاماند مىللىتىدىن، لېكىن ئەسەرلىرىنى فرانسۇز تىلىدا يازغان. گېنت داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر مەھەل قانۇن خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1889-يىلدىن باشلاپ دائىم شېئىر ۋە دراما يېزىپ تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەن، ئەسەرلىرىدە گېرمانىيىنىڭ بېلگىيىگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى سۆككەن. ئۇسموۋولىزمغا ۋەكىللىك قىلغۇچى يازغۇچى. ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى ئۈمىدسىز تەقدىرچىلىك قارىشى ۋە قويۇق سىرلىقچىلىق تۈسى بىلەن تولغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغانن. 1911-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى: دراممىدىن <تاجاۋۇزچىلار>، <ئەما>، <پولېئوساس ۋە مېل سانت>، <كۆ قۇشقاچ>، <چاي ئىچۈرۈش>؛ ھېكايىلەردىن <مەرتىۋىسىزلەرنىڭ خەزىنىسى>، <بال ھەرىسىنىڭ ھاياتى>، <تۇرمۇش ۋە گۈل>، <كاتتا مەخپىيەتلىك> قاتارلىقلار.