Uyghur主要词典
مېدال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆرسەتكەن خىزمىتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن بېرىلىدىغان، خاتىرە سۈرىتى ۋە سۆزى بار، كۆكرەككە ئېسىۋالىدىغان بەلگە، ئىزناك.
ھەر بىر مېدالنىڭ ئارقىسى بولىدۇ. خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئاراچە چېلىش مۇسابىقىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى كوماندىسى ئۈچ ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال ئالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛فرانسوزچە
بىرەر ساھەدە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان، مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن، مېتالدىن مەخسۇس ئىشلەنگەن بىر خىل بۇيۇم.
ئۇنىڭ كۆكرىكىدىكى باتۇرلۇق مېداللىرى پارقىراپ، كىشىنىڭ كۆزىنى چاقاتتى.