Uyghur主要词典
مېستىزو
دۇنيا تارىخى
مەنىسى پىروتكا دېگەنلى بولىدۇ. ئىسپانىيىگە قاراشلىق ئامېرىكىدا ئىندىئان - ياۋروپالىق ئارىلاش قانلىقلارنى، ئومۇمەن ئىسپانلار بىلەن ئىندىئانلارنىڭ ئەۋلادىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى كرېئولېلار (يەرلىك ئاق تەنلىكلەر) نىڭكىدىن تۆۋەن، لېكىن ئىندىئانلارنىڭكىدىن سەل يۇقىرى، ئۇلار جەمئىيەتتىكى كەڭ ئەمگەكچىلەر قاتلىمىنى ھاسىل قىلىپ، ئاق تەنلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى كەمسىتىشى ۋە زۇلۇمىغا ئۇچرىغان، مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان. ئۇلار تا ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى، كولومبىيە، ۋېنسۇئېلا، پاراگۋاي قاتارلىق دۆلەتلەردە يەنىلا ناھايىتى زور نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.