Uyghur主要词典
مېشىل
دۇنيا تارىخى
(1798 - 1874)، فرانسىيىلىك رومانتىك تارىخشۇناس، 1821-يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ پارىژ لورىن شۆيۈەنى ۋە پارىژ ئالىي دارىلفونۇننىڭ پروفېسسورى بولغان. 1830-يىلقى ئىنقىلابتىن كېيىن دۆلەتنىڭ ئارخىپخانا تارىخ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1838-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. دەسلەپ پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ھىمايە قىلغان، كېيىن جۇمھۇرىيەتچىگە ئايلانغان. ناپالېئون Ⅲ كە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتتىن بوشىتىلغان. ئۇنىڭ تارىخ قارىشى ۋېكنىڭ ئايلىنىش نەزەرىيىسى ۋە گېگېلنىڭ ئىلغارلىق نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، خەلق (سىنىپلارغا ئايرىمايدۇ) نى تارىختىكى ھەقىقىي قەھرىمان، ئۇلۇغ شەخسلەر بولسا پەقەتلا <پەتەك> لەر ۋە تارىخنىڭ تەرەققىيات يولىدىكى <بەلگە> لەردىنلا ئىبارەت دەپ قارىغان. <ئەيسا توغرىسىدا> قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ، كاتولىك چېركاۋىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، غايەت زور تسىر قالدۇرغان. ئاساسلىق ئەسىرى <فرانسىيە تارىخى> (17 توملۇق، 1789-يىلقى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغىچە< ۋە ئۇنىڭ داۋامى >فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ تارىخى< )7 توملۇق( قاتالىقلاردىن ئىبارەت.