Uyghur←Chinese主要词典
مېستىزو
دۇنيا تارىخى
梅斯蒂索
méi sī dì suǒ
مەنىسى پىروتكا دېگەنلى بولىدۇ. ئىسپانىيىگە قاراشلىق ئامېرىكىدا ئىندىئان - ياۋروپالىق ئارىلاش قانلىقلاrنى، ئومۇمەن ئىسپانلار بىلەن ئىندىئانلارنىڭ ئەۋلادىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى كرېئولېلار (يەرلىك ئاق تەنلىكلەر) نىڭكىدىن تۆۋەن، لېكىن ئىندىئانلارنىڭكىدىن سەل يۇقىرى، ئۇلاr جەمئىيەتتىكى كەڭ ئەمگەكچىلەر قاتلىمىنى ھاسىل قىلىپ، ئاق تەنلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى كەمسىتىشى ۋە زۇلۇمىغا ئۇچرىغان، مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان. ئۇلار تا ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى، كولومبىيە، ۋېنسۇئېلا، پاراگۋاي قاتارلىق دۆلەتلەردە يەنىلا ناھايىتى زور نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.