Uyghur主要词典
مىسسۇرى مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى
领域: دۇنيا تارىخىئامېرىكا پارلامېنتى 1820-يىلى قۇللۇقى تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش مەسىلىسى ۋە مىسسۇرى شتاتىنىڭ قانداق سالاھىيەت بىلەن ئىتىتپاققا قاتنىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ماقۇلىغان مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى. 1790-يىلى ماسون - دىكسون سىزىقى قۇللۇق تۈزۈمىدىكى شتاتلاr بىلە ئەركىن شتاتلارنىڭ چېگرا سىزىقى قىلىنغان. مىسسۇرى شتاتى بۇ سىزىقنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، قۇللۇق شتات قاتارىغا كىرىشكە تېگىشلىك بولغان. 1818-يىلى بۇ شتات ئەركىن شتات سالاھىيىتى بىلەن ئىتتىپاققا كىرىشنى تەلەپ قىلىپ، جەنۇبنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە زئۇراق مۇددەتلىك تالاش -تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەڭ ئاخىرىدا، 1820-يىلى <مىسسۇرى مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى> ئىمزالىنىپ، مىسسۇئۇرى شتاتىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمدىكى شتات سالاھىيىتى بىلەن ئىتتىپاققا كىرگۈزۈش ئارقىلىق، قۇللۇق تۈزۈمىدىكى شتاتلار بىلەن ئەركىن شتاتلار سانىنىڭ تەڭ بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش بەلگىلەنگەن. شىمالىي پاراللېل 30.36′ نىڭ جەنۇبىي قۇللۇق تۈزۈمدىكى شتاتلار رايونى، ئۇنىڭ شىمالىي ئەركىن شتاتلار رايونى قىلىپ باشقىدىن بېكىتىلگەن. بۇ خىل مۇرەسسە 1854-يىلقى <كانزاس - نېبراسكا قانۇن لايىھىسى> ۋە 1857-يىلقى <سىگېت قانۇن لايىھىسى> تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا ئېلىپ بارغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。