Uyghur←Chinese主要词典
مىسسۇرى مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى
دۇنيا تارىخى
密苏里妥协案
mì sū lǐ tuǒ xié àn
ئامېرىكا پارلامېنتى 1820-يىلى قۇللۇقى تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش مەسىلىسى ۋە مىسسۇرى شتاتىنىڭ قانداق سالاھىيەت بىلەن ئىتىتپاققا قاتنىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ماقۇلىغان مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى. 1790-يىلى ماسون - دىكسون سىزىقى قۇللۇق تۈزۈمىدىكى شتاتلاr بىلە ئەركىن شتاتلارنىڭ چېگرا سىزىقى قىلىنغان. مىسسۇرى شتاتى بۇ سىزىقنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، قۇللۇق شتات قاتارىغا كىرىشكە تېگىشلىك بولغان. 1818-يىلى بۇ شتات ئەركىن شتات سالاھىيىتى بىلەن ئىتتىپاققا كىرىشنى تەلەپ قىلىپ، جەنۇبنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە زئۇراق مۇددەتلىك تالاش -تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەڭ ئاخىرىدا، 1820-يىلى <مىسسۇرى مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى> ئىمزالىنىپ، مىسسۇئۇرى شتاتىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمدىكى شتات سالاھىيىتى بىلەن ئىتتىپاققا كىرگۈزۈش ئارقىلىق، قۇللۇق تۈزۈمىدىكى شتاتلار بىلەن ئەركىن شتاتلار سانىنىڭ تەڭ بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش بەلگىلەنگەن. شىمالىي پاراللېل 30 .36 ′ نىڭ جەنۇبىي قۇللۇق تۈزۈمدىكى شتاتلار رايونى، ئۇنىڭ شىمالىي ئەركىن شتاتلار رايونى قىلىپ باشقىدىن بېكىتىلگەن. بۇ خىل مۇرەسسە 1854-يىلقى <كانزاس - نېبراسكا قانۇن لايىھىسى> ۋە 1857-يىلقى <سىگېت قانۇن لايىھىسى> تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا ئېلىپ بارغان