Uyghur主要词典
مېرسېن شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
غەربىي فرانك كورۇلى چارلېس (تاز) بىلەن شەرقىي فرانك كورۇلى لۇئى (گېرمان) ئۆز يەزنىسى، مەرھۇم لوتار (؟ - 869) نىڭ زېمىنى (يەر لوررېن پادىشاھلىقى) نى بۆلۈشۈۋالغان شەرتنامە. مىلادى 870-يىلى مېرسېن (ھازىرقى گوللاندىيىنىڭ) دا تۈزۈلگەن. شەرتنامىدە: چارلېس ئاساسەن ھازىرقى گوللاندىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، بېلگىيە،لوررېن ۋە رونا دەريا بويلىرىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولغان؛ لوئى ئېلزاس ۋە رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولغان. ئايرىلغان ئۇ چېگرا ئۇزۇن داۋاملاشمىغان. لوررېن ئۇزۇنغىچە فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە تالىشىدىغان نىشان بولۇپ قالغان.