Uyghur主要词典
مېركانتىلىزم
دۇنيا تارىخى
18 - 15 - ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپا دۆلەلتىرىدىكى بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي سىياسەت ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۇردۇئازىيە سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقىدىكى بىر مەزھەپ. ئادام سىمىت ئۇنى <سودا ئىشلىرىدىكى ياكى سودىغا ئېتىبار بېرىشتىكى سىستېما> دېگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. مەركىزىي مەزمۇنى: پۇل بايلىقنىڭ ئاساسىي شەكلى، تاشقى سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئالتۇن، كۈمۈش پۇلغا ئىگە بولۇش دۆلەت بايلىقىنى جۇغلاشنىڭ ئاساسلىق يولى؛ دۆلەت ئىشلەپ چىقىرىلغان بۇيۇملارنى ئېكسپورت قىلىشنى رىغبەتلەندۈرۈپ، دېڭىز قاتناش قانۇن نىزاملىرىنى ئېلان قىلىپ، سودا شىركەتلىرىگە مونوپول قىلىش ئىمتىيازىنى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىقتىسادقا بىۋاسىتە ئارلىشىشى كېرەك دېگەندىن ئىبارەت. سودا ئەلاچىلىقى سىياسىتى يۈرگۈزۈشنىڭ تىپى - سېسىل (1520 - 1598) مالىيە ۋەزىرى بولغان مەزگىلدىكى (1572 - 1598) ئەنگلىيە ۋە كولبېرت مالىيە باش نازارەتچىسى بولغان (1665 - 1683) مەزگىلدىكى فرانسىيىدىن ئىبارەت. سودا ئەلاچىلىقى مەسلىكىنى ئىككى مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ دەسلەپكى مەزگىلدىكى پۇل پەرقى نەزەرىيىسىدىكىلەر (فىتىشىزم)، پۇلنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى مەنئى قىلىپ، ئالتۇن - كۈمۈشنىڭ كىرىشىنى تەشەببۇس قىلىشقا، بۇنىڭغا ئەنگلىيىلىك ستاففورد (1554 - 1612) ۋەكىلىك قىلىدۇ؛ كېيىنكى مەزەىلدىكى سودا پەرقى نەزەرىيىسىدىكىلەر، سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاشقى سودا ئاكتىپ بالانىسىنى كېڭەيتىپ، زور مىقداردا پۇل كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇنىڭغا ئەنگلاخيىلىك توماسمون (1571 - 1641) ۋە فرانسىيىلىك مونچىرېتىن (1575 - 1621) ۋەكىللىك قىلىدۇ. سودا ئەلاچىلىقى مەسلىدىكى كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي قۇغلىنىش مەزگىلىدىكى سودا كاپىتالىنىڭ مەنپەئىتىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، سودا كاپىتالى ھەرىكىتنىڭ يۈزەكى ھادىسىگە قاراپ، پايدا ئوبروت جەريانىدىن كېلىدۇ، دېگەن خاتا يەكۈن چىقارغان؛ لېكىن مۇھاپىزەتچىلىك سىياسىتى ئەينى چاغدا ئىشخانا قول سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىايتى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەيلىگە قويۇۋېتىش مەسلىكىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ دىققەت - نەزەرىمۇ ئوبوروت ساھەسىدىن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە يۆتكىلىپ، سودا ئەلاچىلىقى بارا - بارا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن