Uyghur主要词典
مېركانتىنى
دۇنيا تارىخى
(1821 - 1872) ئىتالىيىلىك شائىر، گراىبالدىنىڭ يېقىن دوستى. 1865-يىلدىن باشلاپ پالېرمو داشۆسىنىڭ ئىتالىيە ئەدەبىياتى ۋە تارىخشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. كۆپلىگەن سىياسىي شېئىر يېزىپ، ئىتالىيە خەلقىنى مىللىي مۇستەقىللىك ۋە بىرلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. بۇنىڭ ئىچىدە <ۋەتەنپەرەۋەرلەر، ئالپ تېغى ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!> دېگەن شېئىرى 1848 - 1849(ـيىللاردىكى ئىتالىيە ئىنقىلابىنىڭ مەشھۇر مەدھىيە ناخشىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. 1858-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى گارىبالدىنىڭ تەكلىپى بويىچە يازغان ۋە نوتىغا سالغان <ئىتالىيە ناخشىسى> گارىبالدىنى مەدھىيىلەيدىغان مەشھۇر ناخشا بولۇپ قالغان. ۋەتەنپەرۋەرلىك مەزمۇنىدىكى شېئىرلىرىدىن يەنە <ساپورىدىن كەلگەن ئورمىچىلار>، <دەم ئېلىۋاتقان ئەسكەر> قاتارلىقلار بار.