Uyghur主要词典
مونتاگۇ خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى مونتاگۇ (1789 - 1924) 1917-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلغان خىتابنامە. ئاساسەن كورزون بىلەن ئائۇستېن چىمبېرلىن تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ مەقسىتى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھىندىستاندىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، خىتابنامىدە ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىكى مەقسىتى: ئاپتونومىيە تۈزۈلمىسىنى تەدىرجىي ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەسئۇل ھۆكۈمەتنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھىندىستاننى برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت، دەپ جار سېلىنغان. كېيىن مونتاگۇ ھىندىستاننىڭ باش الىيسى گراف چېلمسفورد ( 1868 - 1933) بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ خىتابنامىنى ئاساس قىلىپ، 1918-يىلى 7-ئايدا <مونتاگۇ - چېلمسفورد دوكلاتى> نى ئېلان قىلغان.