Uyghur主要词典
مونتېسسورى
دۇنيا تارىخى
(1870 - 1952)، ئىتالىيىلىك ئايال پېداگوك. گوللاندىيىدە تۇغۇلغان. 12 يېشىدا ئىتالىيىگە قايتقان. 1894-يىلى رىمدا تىببىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. خىزمەت ئۈستىدە ئاغرىق بالىلار كۆپ ئۇچراشقانلىقتىن، ئۇنىڭ روھىي كېسەللىك ۋەو بالىلاr مائارىپىنى تەتقىق قىلىشغىا تۈرتكە بولغان. 1898-يىلى ئاغرىق بالىلاrنى داۋالاپ، پسىخولوگىيىلىك تۈز بېشىنى ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپ قۇرغان. 1904 - 1908-يىللاردا رىم داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1907-يىلى رىمنىڭ نامراتلار رايونىدا تۇنجى <بالىلار ئائىلىسى> نى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۈچ ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلارنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنى مۇۋاپىق ئۈسكۈنىلەر بلىەن تەمىن ئەتكەن. ئۇ يەردە بالىلار ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، تەشەببۇسكارلىقنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە ئىلھام بېرىش ئارقىلىق، بالىلارنى بىلىمگە ئىگە قىلىپ، <مونتېسسورىچە تەربىيلەش ئۇسۇلى> بالرىققا كەلتۈرۈلگەن. <بالىلار ئائىلىسى> بىر مەزەىل ياۋروپا - ئامېرىكا ئەللىرىگە تارقىلىپ، <مونتېسسورىچە تەربىيىلەش ئۇسۇلى> ئادەتتىكى بالىلار ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىغا سىڭگەن. <پېداگوگىكا>، <ئىنسانىيەت پېداگوگىكىسى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.