Uyghur主要词典
مونومۇتاپا پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
ئافرىقىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئەرەبلەر مۇئانومۇتاپاھ دەيدۇ، مەنىسى <كان تېغى خوجايىنى> دېگەنلىك. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا تالاش - تارتىش كۆپ. بىر ئېيتىلىشىچە، 13 - ئەسىردە شونالار ھەربىي قەبىلە باشلىقى مۇتوتانىڭ يېتەكچىلىكىدە، زىمبابۈۋىغا كىرىپ، ئۇنى مونومۇتاپا دەپ ئاتىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ۋارىسلىق قىلىنىدىغان پادىشاھلىق نامى قىلىنغان. بىر مەزگىل چوڭ زىمبابۇۋى پايتەخت قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. 16 - 15 - ئەسىرلەردە زىمنابۈۋىغا ۋە موزامبىك ھەم بوتسىۋانانىڭ بىر قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چانگامىرې دۆلىتى باش كۆتۈرۈپ، چوڭ زىمبابۈۋىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، زانبىې دەرياسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىرغىقىدىكى تاشلىق رايونغا چېكىنگەن. 1629-يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئۇنى بويسۇنۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1700-يىلى چانگامىرېنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ، ئەرزىمەس كىچىك خەلىپىلىك بولۇپ قالغان.