Uyghur主要词典
مونولوگ
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
گرېكچە monos _ بىر؛ logos _ سۆز سۆزلىرىدىن ياسالغان
ئەسەر ھەققىدە بەزىدە سۆھبەتداشلارغا،تاماشىبىنغا قارىتا ئېيتىلغان سۆز، نۇتۇق. مونولوگ سەھنە ئەسىرىنىڭ بېشىدا تاماشىبىننى ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن بىلەن تۇنۇشتۇرىدۇ، ۋەقە ئىشتىراكچىسىنىڭ سەھنىدە پەيدا بولۇشىغا زېمىن ھازىرلايدۇ ۋە ئۇنى تونۇشتۇرىدۇ. مونولوگ قەھرىماننىڭ پىكىر ۋە كەچۈرمىشلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، ئوبرازنىڭ ماھىيىتىنى ئاچىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
ئەسەر تەركىبىدىكى پېرسوناژلارنىڭ ئۆزىگە ياكى باشقا پېرسوناژلارغا ۋە ياكى تاماشبىنلارغا قارىتىپ ئېيتقان سۆزى.