Uyghur←Chinese主要词典
مونومۇتاپا پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
莫诺莫塔帕王国
mò nuò mò tǎ pà wáng guó
ئافرىقىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئەرەبلەر مۇئانومۇتاپاھ دەيدۇ، مەنىسى <كان تېغى خوجايىنى> دېگەنلىك. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا تالاش - تارتىش كۆپ. بىر ئېيتىلىشىچە، ⅢⅩ ئەسىردە شونالار ھەربىي قەبىلە باشلىقى مۇتوتانىڭ يېتەكچىلىكىدە، زىمبابۈۋىغا كىرىپ، ئۇنى مونومۇتاپا دەپ ئاتىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ۋارىسلىق قىلىنىدىغان پادىشاھلىق نامى قىلىنغان. بىر مەزگىل چوڭ زىمبابۇۋى پايتەخت قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. ⅣⅩ - ⅤⅩ ئەسىرلەردە زىمنابۈۋىغا ۋە موزامبىك ھەم بوتسىۋانانىڭ بىر قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ⅥⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چانگامىرې دۆلىتى باش كۆتۈرۈپ، چوڭ زىمبابۈۋىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، زانبىې دەرياسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىرغىقىدىكى تاشلىق رايونغا چېكىنگەن. 1629-يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئۇنى بويسۇنۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1700-يىلى چانگامىرېنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ، ئەرزىمەس كىچىك خەلىپىلىك بولۇپ قالغان.