Uyghur主要词典
مول
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان - مىقدار جەھەتتىن چوڭ.
«مول، ئەلۋەك» ماددىي بايلىق، ئىلىم - بىلىم، تەجرىبە - ساۋاقلار، نازۇنېمەتلەرنىڭ كۆپ ۋە تۈرلۈك ئىكەنلىكىگە قارىتا ئېيتلىدۇ.
«زىيادە، ئارتۇق، ئوشۇق» تېگىشلىك ساندىن ئېشىپ چۈشكەن «كۆپ» كە قارىتىلىدۇ.
«كەرۇ» تۇرپان شېۋىسىدە كۆپ ۋ
كۆپ يۈرگەن كۆپ ياشىغاندىن كۆپ بىلەر. جىق تۇخۇم باسقان مېكىيان بىر چۈجىمۇ چىقىرالماس. نۇرغۇن ھەقىقەتلەر دەسلىپىدە بىھۆرمەتلىك ھېسابلانغان. ئىش تولا، كۆمۈر ئاز. كۇچادا مېۋە ئاۋۇن. سۈيىڭ غول - ھوسۇلۇڭ مول. زىياپەتتە نازۇنېمەتلەر ئەلۋەك ئىكەن. سۈيى ئەلۋەك يەرنىڭ زىرائىتى ئوخشايدۇ. ئۆلۈك سۆز زىيادە سۆزلەنسە، توغرىمۇ سەپسەتە بولار. ئارتۇق بايلىق باش يارماس. ئوشۇق گەپ ئېشەككە يۈك. مول تەجرىبە توپلىماق بەسى مۈشكۈل. تەجرىبە قىلمىشتۇر دانالار بىسيار. دوپپىلىق باش كۇرمىڭنى باشتىن كەچۈرەر. بۇنداق ئىنتزامغا خىلاپ ئىشلار بىزدە ۋاچچىدا.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
مول (~ مۇلى) - شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە ئۇچرايدىغان پۇل بىرلىكى. قارۇشتى يېزىقىدىكى 579 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە: < ... 1 مىلما Khi نىڭ ئونىنچى دەرىجىسى (ئۇچۇم ياكى چاڭگال) ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەرنى قىممىتى 12 مولغا يارايدىغان 13 غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى گىلەمگە ساتتۇق> دېيىلگەن؛ 592 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە: <... قىزىمنى قىممىتى 30 مولغا يارايدىغان بىر تۆگە بىلەن بىر پارچە ئۇدۇن گىلىمىگە ساتتىم> دېيىلگەن (<خوتەن بوستانلىقىغا دائىر تەتقىقاتلار>، شىنجاڭ خگلق نەشرىياتى، 1988 - يىل نەشرى <خەنزۇچە>، 126 - بەت). يەنە نىيادىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە: <ئۇلار 25 شىق (ئەنگىلىيىلىك ئالىم W . H Bailey. قەدىمكى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى >شىق< بىلەن تەڭ كېلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ تۈركىي تىلدىن كېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى دەيدۇ) كۈنجۈتنى سېتىپ 2500 مول پۇل ئالدى> دېيىلگەن. پۇل ئورنىغا بۇيۇم ياكى تۆگە بەرگەنلىكىدىن قارىغاندا بۇ پۇل ئەينى دەۋردە بىر قەدەر قىس بولغان، لېكىن 25 شىق ئاشلىقنىڭ 2500 مول پۇلغا، يەنى بىر شىق ئاشلىقنىڭ 100 مولغا يارىغانلىقىدىن قارىغاندا، قەدىمكى نىيا بەگلىكىدە ئاشلىقنىڭ باھاسى ئىنتايىن ئۆرلەپ كەتكەن. بۇ ئەھۋال نىيا،. كرورەن ئەللىرىنىڭ قۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، چۆللىشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
ئىنگلىزچە
فىزىكا
ماددا مىقدارىنىڭ بىرلىكى. بەلگىسى <MOL>. ئۇ خەلقئارا بىرلىكلەر سىستېمىسىدىكى ئاساسىي بىرلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەلۇم بىر ماددا سىستېمىسى تەركىبىدىكى زەررىچىلەرنىڭ (مەسىلەن، مولېكۇلا، ئاتوم، ئىئون، ئېلېكترون ۋە باشقا زەررىچىلەرنىڭ) سانى، ماسسىسى 0.012 كىلوگرام كېلىدىغان كاربون - 12(C2) تەركىبىدىكى ئاتوملارنىڭ سانىغا تەڭ بولسا، بۇ ماددىلارنىڭ مىقدارى بىر مول بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ناھايىتى كۆپ، جىق، نۇرغۇن.
يۇرتىمىزنىڭ بايلىقى مول، يەرلىرى كەڭرى.
يېتەرلىك دەرىجىدە كۆپ (داستىخان ھەققىدە).
- ناھايىتى مول داستىخان بوپتۇ، - دېدى ھوشۇر نان ئوشتۇۋېتىپ.
مەزمۇن، دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، خىلمۇخىل تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (گەپ - سۆز قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ناھايىتى مول بولدى، دېيىشمىگەن گەپلىرى قالمىدى